نىگېرىيەدە كېمە چۆكۈپ كېتىش ۋەقەسىدە نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى

نىگېرىيەنىڭ نىگېر ئۆلكىسىدە توي مەرىكىسىدىن قايتقانلار ئولتۇرغان بىر كېمىنىڭ چۆكۈپ كېتىشى نەتىجىسىدە، ئونلارچە ئادەم قازا قىلدى.

1999444
نىگېرىيەدە كېمە چۆكۈپ كېتىش ۋەقەسىدە نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نىگېرىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، نىگېر ئۆلكىسىدە توي مەرىكىسىدىن قايتقانلار كۋارا ئۆلكىسىگە كېتىش ئۈچۈن بىر كېمىگە ئولتۇرغان.

بۇ كېمىنىڭ نىگېر دەرياسىدىكى بىر دەرەخكە سوقۇلۇپ چۆكۈپ كېتىشى نەتىجىسىدە، ئونلارچە ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان، نۇرغۇن ئادەم يوقاپ كەتكەن.

كۋارا ئۆلكىسىنىڭ ۋالىيسى ئابدۇراخمان ئابدۇرەرززاق كۆپ ساندا كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان بۇ ئېچىنىشلىق ۋەقەدىن قاتتىق قايغۇرۇۋاتقانلىقلىرىنى بايان قىلغان.

ئۇ ۋەقەدىن كېيىن يوقاپ كەتكەنلەرنىڭ ئامان – ئېسەن قۇتۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ، ئىزدەش – قۇتقۇزۇش پائالىيەتلىرىنى داۋاملىق كۆزتىدىغانلىقلىرىنى قەيت قىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر