گۇتېررېس سۇداندىكى توقۇنۇشنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان «ئېتنىك تەرىپى» دىن  قاتتىق ئەندىشە قىلماقتا

سۇداندىكى توقۇنۇشنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان «ئېتنىك تەرىپى» گە قارىتا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررېسنىڭ قاتتىق ئەندىشە ھېس قىلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

1999491
گۇتېررېس سۇداندىكى توقۇنۇشنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان «ئېتنىك تەرىپى» دىن  قاتتىق ئەندىشە قىلماقتا

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: ب د ت باش كاتىباتلىقى باياناتچىسى گۇتېررېسنىڭ سۇداندىكى تەرەپلەرگە قايتىدىن «توقۇنۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش چاقىرىقى» ئېلان قىلغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

باياناتتا، گۇتېررېسنىڭ ب د ت نىڭ سۇدان خەلقىنى قوللايدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلىگەنلىكى ۋە 9 مىليون كىشى ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەمگە موھتاج ھالغا چۈشۈپ قالغان ۋەزىيەتتە بۇلاڭچىلىقنىڭمۇ ئاخىرلىشىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەنگەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.

گۇتېررېسنىڭ دارفۇردىكى ۋەزىيەتتىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقى، باش كاتىپنىڭ رايوندا كەڭ كۆلەملىك زوراۋانلىق ۋە پۇقرالارنىڭ ئۆلۈملىرىدىن چۆچۈگەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.

باياناتتا، «باش كاتىپ سۇداندىكى توقۇنۇشنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان ئېتنىك تەرىپى ۋە جىنسىي زوراۋانلىق تەرىپىگە قارىتا، قاتتىق ئەندىشە قىلماقتا» دېيىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر