گىرېتسىيەدە كېمە چۆكۈپ كېتىش ۋەقەسىدە 59 ئادەم قازا قىلدى

گىرېتسىيەنىڭ مورا يېرىم ئارىلى دېڭىز ساھىللىرىدا تەرتىپسىز كۆچمەن ئولتۇرغان كېمىنىڭ چۆكۈپ كېتىشى نەتىجىسىدە 59 ئادەم قازا قىلدى.

1999589
گىرېتسىيەدە كېمە چۆكۈپ كېتىش ۋەقەسىدە 59 ئادەم قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گىرېتسىيە ساھىل بىخەتەرلىك قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مورا يېرىم ئارىلى دېڭىز ساھىللىرىدا كۆپ ساندا تەرتىپسىز كۆچمەنلەر ئولتۇرغان كېمە چۆكۈپ كېتىپ، 59 ئادەم قازا قىلغان، 100 كىشى قۇتقۇزۇۋېلىنغان.

ئىگىلىنىشىچە، كېمىدە قانچە كۆچمەننىڭ بارلىقى تېخى ئېنىق ئەمەس بولۇپ، رايوندا ئىزدەش قۇتقۇزۇش پائالىيەتلىرى داۋاملاشماقتا ئىكەن



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر