تۈركىيە ئۇكرائىناغا دااۋلاش ئۈسكۈنىلىرى ياردەم قىلدى

تۈركىيە ئۇكرائىنانىڭ رىۋنې شەھىرىكى رىۋنې رايونلۇق بالىلار دوختۇرخانىسىنى داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى بىلەن تەمىنلىدى.

1999156
تۈركىيە ئۇكرائىناغا دااۋلاش ئۈسكۈنىلىرى ياردەم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە كوردىناتسىيە ئاگېنتلىقى-تىكا (TİKA) بىمارلار سانى كۈندىن كۈنگە كۆپىيىۋاتقان ۋە  291 كارىۋاتلىق دوختۇرخانىغا داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى ياردەم قىلدى.

تىكا دوختۇرخانىنىڭ ناركوز ۋە ئېغىر كېسەللەرنى كۆزىتىش بۆلۈمى ئۈچۈن بەش دانە ئىنفىرا قىزىل نۇرلۇق ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش ئۈسكۈنىسى ۋە ئوپېراتسىيەخانىدا ئىشلىتىلىدىغان بەش دانە كۆپ پارامېتىرلىق بىمار نازارەتچىسى ياردەم قىلدى.

ئۇكرائىنادا رۇسىيەگە قارشى بىر يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان ئۇرۇش سەۋەبىدىن دۆلەتنىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدىن كەلگەن يېتىم بالىلار، تۆۋەن كىرىملىك ​​ئائىلىلەر ۋە ئۇرۇشنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان بالىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن  كىشىلەر، رىۋنې رايونلۇق بالىلار دوختۇرخانىسىدا داۋالانماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر