مېكسىكادا يول بويىدىن ئالتە كىشىنىڭ جەسىتى تېپىلدى
مېكسىكانىڭ مورېلوس ئۆلكىسىدىكى بىر تاغ يولىدا ئالتە كىشىنىڭ جەسىتى تېپىلدى.
1998223
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مېكسىكا مەتبۇئاتلىرىدىكى خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، ئۆلكىگە قاراشلىق كۇئېرناۋاكا شەھىرىگە تەۋە سانتا كلارا تاغ يولىدىن بىر ئايالنى قوشقاندا جەمئىي ئالتە كىشىنىڭ جەسىتى تېپىلغان.
جەسەتلەر ئۆلكىلىك تەپتىش مەھكىمىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈش تاماملانغاندىن كېيىن، ئەدلىيە دوختۇرخانىسىغا ئېلىپ بېرىلدى ۋە جەسەتلەرنىڭ تونىغىلى بولمايدىغان ھالدا ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
دائىرىلەر، جەسەتلەرنىڭ يېقىندا يوقاپ كەتكەنلىكى دوكلات قىلىنغان كىشىلەرگە ئائىت بولۇشى مۇمكىنلىكى ياكى ئەمەسلىكىنى تەكشۈرمەكتە.
ۋەقە ھەققىدە تەكشۈرۈشلەر باشلاندى.