تالىبان ئىران چېگراسىدا ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزدى

ئافغانىستاندىكى تالىبان كۈچلىرى ئىران چېگراسىدىكى نىمرۇز ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى ناھىيەسى زارانجتا ئېغىر قوراللارنى ئىشلىتىپ ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزدى.

1997728
تالىبان ئىران چېگراسىدا ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تالىبان مانېۋىرنىڭ مەقسىتىنىڭ تالىبان كۈچلىرىنى يېڭى تەجرىبىلەرگە ئىگە قىلىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

تالىبانلار 2021- يىلى 8- ئايدا ئافغانىستاندا ھاكىمىيەتنى قولغا كىرگۈزگەندىن كېيىن، تالىبان كۈچلىرى بىلەن پاكىستان ۋە ئىران چېگرا قىسىملىرى ئوتتۇرىسىدا پات - پات قوراللىق توقۇنۇشلار يۈز بەرمەكتە.

تالىبانلار بىلەن ئىران چېگرا مۇداپىئەسى قىسىملىرىنىڭ 27- ماي نىمرۇز چېگراسىدا يۈز بەرگەن ئەڭ يېڭى توقۇنۇشىدا، ئىراننىڭ ئىككى ئەسكىرى بىلەن بىر تالىبان ئەزاسى ھاياتىدىن ئايرىلغانىدى.

بىر- بىرىنى توقۇنۇشنى باشلاش بىلەن ئەيىبلىگەن تەرەپلەر، سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق جىددىيچىلىكنى پەسكۇيغا چۈشۈرگەنىدى.

تالىبان بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدىكى پات- پات يۈز بېرىپ تۇرىدىغان چېگرا توقۇنۇشلىرىدىن باشقا، ھەر ئىككى تەرەپ ھىلمەند دەرياسى سۈيىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇش مەسىلىسىدىمۇ ئېغىر سۈركىلىشلەرنى باشتىن كەچۈرمەكتە.

تالىبان ھۆكۈمىتى رايوندىكى قۇرغاقچىلىق سەۋەبىدىن ھىلمەند دەرياسى بويىدىكى توسمىلارنىڭ سۈيىنىڭ ئازىيىپ كەتكەنلىكىنى، شۇڭا سۇنىڭ ئىرانغا يېتىپ بارالمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرسە، ئىران كەسپىي خادىملەرنىڭ توسمىلارنى زىيارەت قىلىپ، بۇ ئەھۋالنى دەلىللىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. ئەمما تالىبانلار ئىراننىڭ بۇ تەلىپىنى رەت قىلماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر