پېرۇدا جىددىي ھالەت ئېلان قىلىندى

پېرۇدا «ئېل نىنو» نىڭ تەسىرى سەۋەبىدىن 18 رايوندا جىددىي ھالەت ئېلان قىلىندى.

1997560
پېرۇدا جىددىي ھالەت ئېلان قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پېرۇ تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، «ئېل نىنو» نىڭ ئەكس تەسىرى سەۋەبىدىن 18 رايوندا 60 كۈنلۈك جىددىي ھالەت يولغا قويۇلىدىكەن.

پېرۇ جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش قوماندانلىق مەركىزىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ يىلنىڭ+  ئاخىرىغىچە قاتتىق يامغۇر يېغىشى كۈتۈلۈۋاتقانلىقتىن، خەتەرنى ئازايتىش ئۈچۈن جىددىي ھەرىكەت پىلانى يولغا قويۇلغان.

باياناتتا تەكىتلىنىشىچە، بۇ پىلان دائىرىسىدە ئامازوناس، ئانكاش، ئېسكۇپا، ئاياكۇچو، كاجاماركا، خۇانكاۋېلىكا، خۇانۇكۇ، ئىكا، جۇنىڭ، لا لىبېرتاد، لامپادې، لىما، موكوگۇيا، پاسكو، پىئارا، سان مارتىن، تاكنا ۋە تۇمبېس قاتارلىق رايونلاردا جىددىي ھالەت ئېلان قىلىنغان..

پېرۇدا 2-ئاينىڭ 8-كۈنى قارا يامغۇر كەلتۈرۈپ چىقارغان كەلكۈن ۋە يەر كۆچۈش ئاپەتلىرىدە 40 ئادەم قازا قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر