دائېشقا قارشى كۈرەش يەر شارىۋى بىرلەشمىسى يىغىنى سەئۇدى ئەرەبىستاندا چاقىرىلدى

دائېشقا قارشى كۈرەش يەر شارىۋى بىرلەشمىسى سەئۇدى ئەرەبىستاندا يىغىن چاقىرىپ، مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلدى.

1997482
دائېشقا قارشى  كۈرەش يەر شارىۋى بىرلەشمىسى يىغىنى سەئۇدى ئەرەبىستاندا چاقىرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستاندا چاقىرىلغان دائېشقا قارشى كۈرەش يەر شارىۋى بىرلەشمىسى يىغىنىدا، يەر شارىۋى بىرلەشمىنىڭ سۈرىيە خەلقى بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 2254- نومۇرلۇق قارارىنىڭ روھىغا ئاساسەن، كىرىزىسقا ئۈزۈل – كېسىل سىياسىي چارە تېپىش تىرىشچانلىقىنى قوللايدىغانلىقى تەكىتلەندى.

يىغىندىن كېيىن ئېلان قىلىنغان بىرلەشمە باياناتتا، دائېشتىن ئازاد قىلىنغان رايونلاردا «مۇقىملىق» نىڭ ئەھمىيىتى تەكىتلىنىپ، سۈرىيەنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرگە سىياسىي چارە تېپىشقا پايدىلىق شارائىتلارنى يارىتىش ئۈچۈن، يارىشىش ۋە قايتىدىن بىر گەۋدىلىشىش خىزمەتلىرىنى قوللاشنىڭ داۋاملاشتۇرۇلىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

باياناتتا يەنە، مىنىستىرلارنىڭ ھول ۋە روج لاگېرلىرىدىكى دائېش تېرورچىلىرىنىڭ تۇغقانلىرىنىڭ بىخەتەرلىك شارائىتى ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ۋەزىيىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن، ئۇزۇن مۇددەتلىك چارىلەرنى يولغا قويۇشنىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلەپ ئۆتكەنلىكىگە ئىشارەت قىلىپ ئۆتۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر