زاخاروۋا: بىز ئەردوغاننىڭ تۈركىيە - رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرىگە دائىر باياناتلىرىغا ئەھمىيەت بېرىمىز

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى مارىيا زاخاروۋا موسكۋانىڭ تۈركىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەردە جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش نىيىتى توغرىسىدىكى باياناتلىرىغا ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1996910
زاخاروۋا: بىز ئەردوغاننىڭ تۈركىيە - رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرىگە دائىر باياناتلىرىغا ئەھمىيەت بېرىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باياناتچى مارىيا زاخاروۋا پايتەخت موسكۋادا ئۆتكۈزگەن ھەپتىلىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا كۈنتەرتىپتىكى مەسىلىلەرگە مۇناسىۋەتلىك سوئاللارغا جاۋاب بەردى.

ئۇ موسكۋانىڭ تۈركىيەدىكى يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ رۇسىيە ۋە ئامېرىكا بىلەن تەڭپۇڭ مۇناسىۋەتنى ساقلاپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغان ياكى قىلمايدىغانلىقى توغرىسىدىكى بىر سوئالغا جاۋاب بېرىپ، ئالدى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ تۈركىيەنىڭ قايتا سايلانغان جۇمھۇر رەئىسى ئەردوغاننىڭ «ئەنقەرەنىڭ رۇسىيە بىلەن ئىككى دۆلەتنىڭ تۈپ مەنپەئەتلىرىنى كۆزدە تۇتقان ئاساستا، ئۆزئارا نەپ يەتكۈزىدىغان، كۆپ تەرەپلىملىك ھەمكارلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش نىيىتى بارلىقى» ھەققىدىكى سۆزلىرىگە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

باياناتچى زاخاروۋا سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «بىز بۇنداق بەرپاچى ئىجابىي پوزىتسىيەنى قارشى ئالىمىز ھەمدە بۇ خىل چۈشەنچىلەرنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا ئىلھام بېرىمىز ۋە ئوتتۇرىغا چىقىشى كېرەك بولغان نەتىجىلەرنى كۆزىتىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر