ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى 25 پەلەستىنلىكنى تۇتقۇن قىلدى

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ئىشغالىيەت ئاستىدىكى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا 25 پەلەستىنلىكنى تۇتقۇن قىلدى.

1997108
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى 25 پەلەستىنلىكنى تۇتقۇن قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پەلەستىن ئەسىرلەر جەمئىيىتىنىڭ يازما باياناتىغا قارىغاندا، ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى ئەتىگەن تەرەپلەردە ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى ھەر قايسى شەھەرلەرگە بېسىپ كىرىپ، 25 پەلەستىنلىكنى تۇتقۇن قىلغان.

باياناتتا تەكىتلىنىشىچە، تۇتقۇن قىلىنغانلار پەلەستىنلىكلەردىن 14 ى نابلۇس شەھىرىدىن بولۇپ، ئىسرائىلىيە تەرىپىدىن بۇ ھەقتە تېخىچە ھېچقانداق بايانات ئېلان قىلىنمىغان.

ئىگىلىنىشىچە، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ئىشغالىيەت ئاستىدىكى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقى ۋە شەرقىي قۇددۇستىكى ئۆيلەرگە دائىم بېسىپ كىرىپ، پەلەستىنلىكلەرنى تۈرلۈك جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلەپ، تۇتقۇن قىلىدىكەن.

تۇتقۇن قىلىنىشقا نارازىلىق بىلدۈرگەن پەلەستىن ئاھالىلىرى بىلەن ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى ئوتتۇرىسىدا پات-پات توقۇنۇشلار يۈز بېرىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر