ئىراننىڭ جىددەدىكى كونسۇلخانىسى قايتىدىن ئېچىلدى

ئىراننىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ جىددە شەھىرىدىكى كونسۇلخانىسى ۋە ئىراننىڭ ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىكى دائىمىي ۋاكالەتخانىسى ئارىدىن يەتتە يىل ئۆتكەندىن كېيىن قايتىدىن ئېچىلدى.

1997071
ئىراننىڭ جىددەدىكى كونسۇلخانىسى قايتىدىن ئېچىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى (IRNA) نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىراننىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ جىددە شەھىرىدىكى كونسۇلخانىسى ۋە ئىراننىڭ ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىكى دائىمىي ۋاكالەتخانىسىنىڭ قايتىدىن ئېچىلىش مۇراسىمىغا، ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ رەھبەرلىرى ئىشتىراك قىلغان.

6-ئىيۇن كۈنى (2023) ئىراننىڭ رىيادتا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ ئېچىلىشىدىن كېيىن، جىددەدىكى كونسۇلخانىسى بىلەن ئىسلام تەشكىلاتىدىكى دائىمىي ۋاكالەتخانىسىمۇ قايتىدىن ئېچىلدى.

سەئۇدى ئەرەبىستاندا 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى شىئە ئالىم نىمر ئەننىمرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 47 كىشى «تېررورلۇق» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلغانىدى.

ئىران دائىرىلىرىنىڭ ئۆلۈم جازاسىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ئارقىمۇ ئارقا باياناتلارنى ئېلان قىلىشىدىن كېيىن، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ تېھران ئەلچىخانىسى ۋە مەشھەد شەھىرىدىكى كونسۇلخانا بىناسىغا ئىراندىكى نامايىشچىلار تەرىپىدىن ئوت قويۇۋېتىلگەنىدى.

بۇ ھۇجۇملاردىن كېيىن، سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتى 3-يانۋار ئىران بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئۈزگەنلىكىنى ئېلان قىلغانىدى.

رىياد بىلەن تېھران ئارىدىن يەتتە يىل ئۆتكەندىن كېيىن، 10 – مارت كۈنى بېيجىڭدا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مۇرەسسەچىلىكىدە دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەرنى ئىككى ئاي ئىچىدە قايتىدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە پۈتۈشكەنىدى.

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھۈسەيىن ئەمىر ئابدۇللاھيان بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان تاشقى ئىشلار ۋەزىرى فەيسەل بىن فەرھان 6-ئاپرېل كۈنى بېيجىڭدا كۆرۈشۈپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئەلچىخانىلىرىنى قايتىدىن ئېچىش، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئايروپىلان سەپەرلىرىنى قايتىدىن ئىشقا كىرىشتۈرۈش ۋە ۋىزا رەسمىيەتلىرىنى قولايلاشتۇرۇش مەسىلىسىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلغانىدى.

ئىران 23-ماي كۈنى مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەلى رىزا ئېنايېتىنىڭ رىياد باش ئەلچىسى سۈپىتىدە ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەنلىكىنى ئۇقتۇرغان، 6 – ئىيۇن كۈنى ئىراننىڭ رىياد ئەلچىخانىسى قايتىدىن ئېچىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر