نىكولاس مادۇرو سەئۇدى ئەرەبىستاندا زىيارەتتە بولماقتا

ۋېنېزۇئېلا پىرېزىدېنتى نىكولاس مادۇرو سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ تەخت ۋارىسى شاھزادە مۇھەممەد بىن سەلمان بىلەن ئۆزئارا مۇناسىۋەتلەرنى ياخشىلاشنىڭ يوللىرىنى مۇزاكىرەلەشتى.

1995926
نىكولاس مادۇرو سەئۇدى ئەرەبىستاندا زىيارەتتە بولماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستان رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى <SPA> نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، مادۇرو سەئۇدى ئەرەبىستان زىيارىتى دائىرىسىدە تەخت ۋارىسى شاھزادە بىن سەلمان بىلەن جىددەدىكى سالام سارىيىدا كۆرۈشكەن.

ئۇچرىشىشتا، ئىككى رەھبەر ئۆزئارا مۇناسىۋەتلەر ۋە بۇلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ يوللىرى شۇنداقلا ئورتاق ئەھمىيەتكە ئىگە ھەر خىل مەسىلىلەر توغرىسىدا سۆھبەتلەشكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر