سۇللىۋان: ئامېرىكانىڭ خىتاي بىلەن رۇسىيەنى يالتايتىش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ يادرو قورالىغا ئېھتىياجى يوق

ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى جېيك سۇللىۋان رۇسىيە بىلەن خىتاينى يالتايتىش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ يادرو قوراللىرىغا ھاجەت يوقلۇقىنى ئېيتتى.

1994833
سۇللىۋان: ئامېرىكانىڭ خىتاي بىلەن رۇسىيەنى يالتايتىش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ يادرو قورالىغا ئېھتىياجى يوق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى يادرو قوراللىرىنىڭ ئىقتىدارى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى؛ ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى جېيك سۇللىۋان دۆلىتىنىڭ ئىلغار يادرو قوراللىرىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى، شۇڭا ئامېرىكانىڭ رۇسىيە بىلەن خىتاينى يالتايتىش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ يادرو قوراللىرىغا موھتاج ئەمەسلىكى ئوتتۇرىغا قويدى.

سۇللىۋان يەنە، ۋاشىنگىتوننىڭ ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى 2010 - يىلى ئىمزالانغان يادرو قوراللىرىنىڭ كېڭىيىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېلىشىمى —  START تا كۆرسىتىلگەن ئىستراتېگىيەلىك يادرو قوراللىرى چەكلىمىسىگە 2026 - يىلى كېلىشىمنىڭ مۇددىتى توشقانغا قەدەر ئەمەل قىلىدىغانلىقىنى، ھەم موسكۋا ھەم بېيجىڭ بىلەن قوراللارنى تىزگىنلەش سۆھبەتلىرىنى ئۆتكۈزۈشنى خالايدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، تەيۋەننىڭ يادرو قوراللىرى ئىقتىدارىنى تەرەققىي قىلدۇرغان ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا سوغۇقچىلىق يۈز بەرگەن بولۇپ، بېيجىڭ ۋاشىنگتوننىڭ توقۇنۇش خەۋپىنى ئازايتىش چاقىرىقىنى رەت قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر