ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى پەلەستىنلىكلەرنى تۇتقۇن قىلدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ئىشغالىيەت ئاستىدىكى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى ئوخشىمىغان نۇقتىلاردا 33 پەلەستىنلىكنى تۇتقۇن قىلدى.
1994098
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پەلەستىن ئەسىرلەر كۇلۇبىنىڭ يازما باياناتىغا قارىغاندا، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى بۈگۈن ئەتىگەن تەرەپلەردە ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىنىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا پەلەستىنلىكلەرگە ھۇجۇم قىلىشنى داۋاملاشتۇرغان.
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى بۇ جەرياندا 33 پەلەستىنلىكنى تۇتقۇن قىلغان.
ئىگىلىنىشىچە، ئىسرائىلىيە تەرەپ بۇ ھەقتە تېخىچە ھېچقانداق بايانات ئېلان قىلمىغان.