ئىمران خان 19- ئىيۇنغىچە كېپىللىككە قويۇپ بېرىلدى

پاكىستاندىكى بىر سوت مەھكىمىسى يەتتە تۈرلۈك جىنايى قلىمىش بىلەن ئەيىبلەپ سوتلاۋاتقان سابىق باش مىنىستىر ئىمران خاننى 19- ئىيۇنغىچە كېپىللىككە قويۇپ بېرىشنى قارار قىلدى.

1993946
ئىمران خان 19- ئىيۇنغىچە كېپىللىككە قويۇپ بېرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستان تاراتقۇلىرى، پاكىستان ئادالەت ھەرىكىتى پارتىيەسى رەھبىرى خاننىڭ سوتنىڭ ئىسپات ئاڭلاش يىغىنلىرىغا قاتنىشىش ئۈچۈن لاھوردىن پايتەخت ئىسلامئابادقا بارغانلىقىنى، خاننى سوتلاۋاتقان مەھكىمىنىڭ ئۇنى 19- ئىيۇنغىچە كېپىللىككە قويۇپ بېرىشىنى قارار قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئىگىلىنىشىچە، 2022- يىلى 4- ئايدا ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىنغان ئىمران خان ئۈستىدىن سوتقا سۇنۇلغان 90 دىن ئارتۇق ئەرزنامە بار ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر