سېربىيە پىرېزىدېنتى ۋۇجىج كوسوۋۇنىڭ شىمالىدىكى جىددىيچىلىك توغرىسىدا توختالدى

ۋۇجىج  CNN تېلېۋزىيەسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، يېقىنقى كۈنلەردە باش كۆتۈرگەن كوسوۋۇنىڭ شىمالىدىكى جىددىيچىلىك توغرىسىدىكى سوئاللارغا جاۋاب بەردى.

1993974
سېربىيە پىرېزىدېنتى ۋۇجىج كوسوۋۇنىڭ شىمالىدىكى جىددىيچىلىك توغرىسىدا توختالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سېربىيە پىرېزىدېنتى ئالېكساندىر ۋۇجىج شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتونىڭ كوسوۋۇدىكى ئەسكەرلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنىڭ ھازىرغىچە ناھايىتى ياخشى داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ مۇشۇ يۆنىلىشتە داۋاملىشىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

كوسوۋۇ سېربلىرىنى ۋەزىيەتنى تىنچلاندۇرۇپ، تىنچلىق ئورنىتىشقا چاقىرغان ۋۇجىج: «سېربىيە تەرەپ 2013- يىلى ئىمزالانغان بىريۇسسېل شەرتنامىسىدىكى بارلىق تەلەپلەرنى ئورۇندىدى. كوسوۋۇ بولسا، بىردىنبىر مەجبۇرىيىتى بولغان <سېرب شەھەرلىك ھۆكۈمەتلەر ئىتتىپاقى قۇرۇش» ماددىسىنى ئىجرا قىلمىدى» دېدى.

ۋۇجىج 4- ئاينىڭ 23- كۈنى كوسوۋۇنىڭ شىمالىدىكى سېربلار زىچ ئولتۇراقلاشقان جايلاردىكى يەرلىك سايلامغا ئاممىنىڭ قاتنىشىش نىسبىتىنىڭ %3 بولغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، سايلامنىڭ «ئىناۋەتسىز» ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئامېرىكا بىلەن فىرانسىيەنىڭ كوسوۋونىڭ شىمالىدىكى جىددىيچىلىك توغرىسىدىكى باياناتلىرىدىن خۇشال بولغانلىقىنى تىلغا ئالغان ۋۇجىج، سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «بىز بارلىق كېلىشىملەرگە ھۆرمەت قىلدۇق، بىزنىڭ بىر ئەسكىرىمىزمۇ كوسوۋۇغا كىرمىدى. بىزنىڭ ھازىرغىچە ناتونىڭ كوسوۋۇدىكى قىسىملىرى بىلەن ناھايىتى ياخشى ۋە كەسپىي مۇناسىۋىتىمىز بار ئىدى. مەن مۇناسىۋىتىمىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنمۇ مۇشۇ يۆنىلىشتە داۋاملىشىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

23-ئاپرېل ئۆتكۈزۈلگەن يەرلىك سايلامدا كوسوۋۇنىڭ شىمالىدىكى سېربلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان زۋېچان، زۇبىن پوتوك ۋە لېپوساۋىچ قاتارلىق شەھەرلەردە غەلىبە قىلغان ئالبانىيە شەھەر باشلىقلىرىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەشكە باشلىشى 26- ماي كوسوۋۇ سېربلىرىنىڭ نارازىلىق نامايىشىغا دۇچ كەلگەنىدى.

ئالبان شەھەر باشلىقلىرىنى قوغداش ئۈچۈن رايونغا ئەۋەتىلگەن كوسوۋۇ ساقچىلىرى بىلەن كوسوۋۇ سېربلىرى ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەن، 29 – مايدا شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىنالىرىنى قوغداۋاتقان كوسوۋۇ تىنچلىق ساقلاش قىسىملىرى بىلەن كوسوۋۇلۇق سېربلار ئوتتۇرىسىدا سۈركىلىش يۈز بېرىپ، تىنچلىق ساقلاش قىسىملىرىنىڭ 30 ئەسكىرى يارىلانغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر