سومالى ئەششەبابنىڭ 30 ئەزاسىنى يوقاتقانلىقىنى بىلدۈردى

سومالى ئارمىيەسى ئەششەباب تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ بىر ھەربىي بازىغا قىلغان ھۇجۇمىنى تارمار قىلىپ، 30 قوراللىق ئۇنسۇرنى بىر تەرەپ قىلدى.

1993578
سومالى ئەششەبابنىڭ 30 ئەزاسىنى يوقاتقانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سومالى ئۇچۇر - ئاخبارات مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، قوراللىق ئۇنسۇرلارنىڭ گالگادۇد رايونىنىڭ ماساگاۋا شەھىرىدىكى ھەربىي بازىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى، سومالى ئارمىيەسىنىڭ يەرلىك كۈچلەرنىڭ قوللىشى بىلەن ھۇجۇمنى تارمار قىلىپ، كەم دېگەندە 30 تېررورچىنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى، توقۇنۇش جەريانىدا سومالىنىڭ ئۈچ ئەسكىرىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

سومالى ئارمىيەسى ئەششەبابقا زەربە بېرىش ھەرىكىتى دائىرىسىدە ئۆتكەن يىلى ئازاد قىلغان ماساگاۋا بازىرىغا ئېرتېرىيەدە تەربىيەلەنگەن ئەسكەرلەر ئورۇنلاشتۇرۇلغانىدى.

ئەششەباب تەشكىلاتى ئۆتكەن ھەپتىمۇ ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقى تىنچلىق ساقلاش قىسىملىرىغا ھۇجۇم قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر