سالۋادورنىڭ سابىق پىرېزىدېنتى ماۋرىكىيو فۇنېس 14 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى

سالۋادورنىڭ سابىق پىرېزىدېنتلىرىنىڭ بىرى بولغان ماۋرىكىيو فۇنېس «قارا گۇرۇھلار بىلەن ھەمكارلاشقانلىقى» ئۈچۈن 14 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى.

1992900
سالۋادورنىڭ سابىق پىرېزىدېنتى ماۋرىكىيو فۇنېس 14 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سالۋادور يەرلىك مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا، سوت مەھكىمىسى فۇنېسنىڭ دۆلەتتىكى جىنايەت نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش ئۈچۈن قارا گۇرۇھلار بىلەن كېلىشىم تۈزگەنلىكىنى ۋە بۇنىڭ بەدىلىگە تۈرمىدىكى شايكا رەھبەرلىرىگە بەزى ئىمتىيازلار بېرىلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

سوت مەھكىمىسىنىڭ گۇۋاھچىلارنىڭ بايانلىرى، كىشىلەرنىڭ دوكلاتى ۋە جاۋابكارلارنىڭ بايانلىرىنى تەكشۈرگەندىن كېيىن ھۆكۈمىنى ئېلان قىلغانلىقى ۋە فۇنېسنى 14 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

سوت مەھكىمىسى يەنە، سابىق بىخەتەرلىك مىنىستىرى، پېنسىيونىر گېنېرال داۋىد مۇنگۇيا پايېسنىمۇ ئوخشاش ئەيىبلەش بىلەن 18 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى.

پايېس ئىسپات ئاڭلاش ئاخىرلاشقاندىن كېيىنكى باياناتىدا، نۇرغۇن قائىدىسىزلىكلەرنىڭ بارلىقىنى ئېتىراپ قىلغانلىقىنى، ئەمما ئۇنىڭغا ئارتىلغان ئەيىبلەشنىڭ قانۇنىي ئاساسى يوقلۇقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

قارا گۇرۇھ رەھبەرلىرىنىڭ كېلىشىم بەدىلىگە تۈرمىلەردە كۆڭۈل ئېچىش پىروگراممىلىرى تەشكىللىگەنلىكى ۋە قانۇنسىز ۋەقەلەرگە ئارىلاشقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

سالۋادوردا  2009-يىلدىن 2014-يىلغىچە پىرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن 64 ياشلىق فۇنېس، 2019-يىلى دۆلىتىگە قايتۇرۇلماسلىق ئۈچۈن نىكاراگۇئا پۇقرالىقىغا ئۆتكەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر