جاسۇس ئاق كىت بۇ قېتىم شىۋېتسىيە دېڭىز ساھىلىدا بايقالدى

نورۋېگىيەدە 2019-يىلى كۆرۈلگەن ۋە رۇسىيە دېڭىز ئارمىيەسى تەرىپىدىن تەربىيەلەنگەن شۇنداقلا «جاسۇس كىت» ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئاق كىت، بۇ قېتىم شىۋېتسىيە دېڭىز ساھىلىدا بايقالدى.

1992822
جاسۇس ئاق كىت بۇ قېتىم شىۋېتسىيە دېڭىز ساھىلىدا بايقالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۇنجى قېتىم نورۋېگىيەنىڭ فىنمارك رايونىدا بايقالغان كىت يەكشەنبە كۈنى (2023-يىلى 29-ماي) شىۋېتسىيەنىڭ غەربىي جەنۇب دېڭىز ساھىلىغا چايلاشقان خۇننېبوستراند رايونىدا بايقالدى.

دېڭىز-ئوكيان بىئولوگى سېباستىيان ستراند كىتنىڭ تەبىئىي مۇھىتتىن تېزلىكتە يىراقلاشقانلىقىنى، بۇنىڭ سەۋەبىنىڭ ئېنىق ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى.

بىئولوگ ستراند: «بۇ بەلكىم ئۇنى جۇپلىشىشقا ئىتتىرىدىغان ھورمون بولۇشى مۇمكىن. ياكى يالغۇزلۇق بولۇشىمۇ مۇمكىن، چۈنكى ئاق كىتلار ئىجتىمائىيلىقى يۇقىرى بىر تۈر» دېدى.

مەزكۇر كىت تۇنجى قېتىم نورۋېگىيەدە كۆرۈلگەندە، نورۋېگىيە بېلىقچىلىق باشقارمىسىنىڭ دېڭىز-ئوكيان بىئولوگلىرى ئۇنىڭدا ئىنسانلار تەرىپىدىن ياسالغان سۈنئىي كەمەر بارلىقىنى بايقىغان ئىدى.

كەمەردە ھەرىكەت كامېراسى ئورنىتىلغان مېخانىزم ۋە «ئۈسكۈنىلەر سانت پېتىربۇرگ» دەپ يېزىلغان پىلاستىك توقا تېپىلغان ئىدى.

موسكۋا دائىرىلىرى كىتنىڭ «رۇسىيە جاسۇسى» ئىكەنلىكىگە دائىر ئەيىبلەشلەرگە ھازىرغىچە ھېچقانداق رەسمىي جاۋاب قايتۇرمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر