جەنۇبىي كورېيە بىلەن يېڭى زېلاندىيە مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىشنى قارار قىلدى

جەنۇبىي كورېيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پارك جىن ۋە يېڭى زېلاندىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى نانايا ماخۇتا (Nanaia Mahuta) ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە دۇنياۋى مەسىلىلەردە ئۆزئارا ھەمكارلىقلارنى كۈچەيتىش توغرىسىدا ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇردى.

1993079
جەنۇبىي كورېيە بىلەن يېڭى زېلاندىيە مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىشنى قارار قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يونخاپ ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلىشىچە، جەنۇبىي كورېيە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، پارك جىن ۋە ماخۇتانىڭ «جەنۇبىي كورېيە-تىنچ ئوكيان ئاراللىرى رەھبەرلەر يىغىنى» رامكىسىدا بىر يەرگە جەم بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئىككى مىنىستىرنىڭ تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ھەمكارلىقى، ئىقتىسادىي، سودا ۋە كورېيە يېرىم ئاراللىرى ۋەزىيىتىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا، پارك جىن ۋە ماخۇتا ئورتاق مەنىۋىيەتلەرگە تايانغان ھەمكارلىقلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا كېلىشىم ھاسىل قىلغانلىقى قەيت قىلىندى.

باياناتتا يەنە، ئىككى مىنستىرنىڭ دىجىتال سودا، بىلىم ۋە تېخنولوگىيە ساھەلىرىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى كۈچەيتىش توغرىسىدا ۋەدە بەرگەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

جەنۇبىي كورېيە پىرېزىدېنتى يۇن سۇكيېئول ساھىبخانلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن «جەنۇبىي كورېيە-تىنچ ئوكيان ئاراللىرى رەھبەرلەر يىغىنى» دا، رەھبەرلەر يىغىننىڭ بىرىنچى كۈنىدە كىلىمات ئۆزگىرىشى ۋە تەرەققىيات مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلدى.

يىغىندىن كېيىن سېئۇل ھۆكۈمىتى ۋە 17 ئارال دۆلىتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان ئورتاق خىتابنامەدە، جەنۇبىي كورېيە ۋە تىنچ ئوكيان دۆلەتلىرىنىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشىگە قارشى كۈرەش ۋە تەرەققىياتنى ئاساس قىلغان، شۇنداقلا باشقا ساھەلەردىمۇ ھەمكارلىقلارنى ئىلگىرى سۈرۈشنى قارار قىلغانلىقى قەيت قىلىنغان ئىدى.

مەزكۇر يىغىن 29-مايدىن 30-مايغىچە «ئورتاق باياشادلىق يولىدا ئىلگىرىلەش: كۆك تىنچ ئوكيان بىلەن ھەمكارلىقلارنى كۈچەيتىش» تېمىسى ئاستىدا ئۆتكۈزۈلدى. يىغىنغا، 17 دۆلەت قاتناشقان بولۇپ، 12 دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقى، بەش دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك مىنىستىرلىرى ئىشتىراك قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر