ئىران چېگراسىدا تالىبان بىلەن ئىران ئەسكەرلىرى ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرى

ئىران ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئەھمەد ۋاھىدى چېگرادا يۈز بەرگەن توقۇنۇشتىن كېيىن، تالىبان ئەمەلدارلىرى بىلەن مۇزاكىرىلەشكەنلىكىنى ۋە مەسىلىنىڭ ھەل قىلىنغانلىقىنى ھەمدە  چېگرالاردا بىخەتەرلىكنىڭ ئەمەلەە ئاشۇرۇلغانلىقىنى ئېيتتى.

1992215
ئىران چېگراسىدا تالىبان بىلەن ئىران ئەسكەرلىرى ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ۋاھىدى تۈنۈگۈن (28-ماي) ئىران دۆلەت تېلېۋىزىيەسىگە بەرگەن باياناتىدا، ئىران چېگرا مۇداپىئە قىسىملىرى بىلەن تالىبان ئوتتۇرىسىدا سىستان-بېلۇچىستان ئۆلكىسىگە قاراشلىق ھىرماند رايونىدىكى چېگرا ئېغىزىدا، ساسۇلى ساقچىخانىسى ئەتراپىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇش ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

ۋاھىدى توقۇنۇشتا تالىبان كۈچلىرىگە «كېرەكلىك جاۋاب» قايتۇرۇلغانلىقى بايان قىلىپ: «قىسقا مۇددەتلىك توقۇنۇش يۈز بەردى. تالىبان تەرەپ بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈلدى، مەسىلە ھەل بولدى. ھازىرچە مەسىلە يوق، چېگرا تىنچ ۋە ئوچۇق» دېدى.

ئىران تۈنۈگۈن چېگرا مۇداپىئە قىسىملىرى بىلەن تالىبان كۈچلىرى ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشتا، ئىككى ئىران ئەسكىرىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

تالىبان بولسا، توقۇنۇشتا بىر ئەزاسىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

تەرەپلەر بىر-بىرىنى «توقۇنۇشنى باشلىغان تەرەپ» دەپ ئەيىبلەشمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر