كولومبىيەدە 5.7 بال يەر تەۋرىدى

كولومبىيە گېئولوگىيە ئىدارىسى (SGC) نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، سانتاندېر مەمۇرىي رايونىنىڭ لوس سانتوس بازىرىنى مەركەز قىلغان 5.7 بال يەر تەۋرەش شۇ يەرنىڭ ۋاقتى 10:47 دە، يەر يۈزىدىن 152 كىلومېتىر چوڭقۇرلۇقتا يۈز بەرگەن.

1992244
كولومبىيەدە 5.7 بال يەر تەۋرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كولومبىيە پىرېزىدېنتى گۇستاۋ پېترو تۋىتتېر ئادرېسىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، يەر تەۋرەشتە ھازىرغىچە ئادەم ئۆلۈش ياكى ماددىي زىيان كۆرۈلمىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

پايتەخت بوگوتا قاتارلىق نۇرغۇن شەھەرلەردە يەر تەۋرەشنىڭ ھېس قىلىنغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

كولومبىيە گېئولوگىيە ئىدارىسى (SGC) ئارىدىن بىر نەچچە مىنۇت ئۆتكەندىن كېيىن، لوس سانتوسنى مەركەز قىلغان يەنە بىر قېتىملىق 3.6 بال قالدۇق يەر تەۋرەشنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر