چەت ئەللەردە تۈركىيە پۇقرالىرى ئەردوغاننى تەبرىكلىدى

چەت ئەللەردە ياشاۋاتقان تۈركلەر، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رەسمىي بولمىغان نەتىجىلەرگە كۆرە جۇمھۇر رەئىسلىك سايلىمىنىڭ ئىككىنچى ئايلانمىسىدا غەلىبە قىلغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىنى باشلىۋەتتى.

1992357
چەت ئەللەردە تۈركىيە پۇقرالىرى ئەردوغاننى تەبرىكلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلنىڭ سچاغبېك (Schaerbeek) مەھەللىسدە كوچىلارغا چىققان نۇرغۇنلىغان تۈركىيە پۇقرالىرى، تۈركىيە بايراقلىرىنى لەپىلدىتىپ ئەردوغاننى قوللايدىغان شوئارلارنى توۋلىدى.

ئەزەربەيجاندا، يۈزلەرچە ئەزەربەيجانلىقلار ۋە تۈركىيە پۇقرالىرى تۈركىيەنىڭ باكۇدىكى ئەلچىخانىسىنىڭ يېنىدىكى باغچىدا توپلىنىپ، سايلامدا غەلىبە قىلغان ئەردوغاننى تەبرىكلىدى.

لىۋان پايتەختى بېيرۇتتا، تارىق ئەل جەدىد ۋە بۇرج ئەل باراجنادا تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلدى. كىشىلەر تۈركىيە بايراقلىرىنى لەپىلدىتىپ، شوئارلا توۋلىدى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئىككىنچى ئايلانما جۇمھۇر رەئىسلىك سايلىمىدىكى مۇۋەپپەقىيىتى، شىۋىيېتسارىيە پايتەختى ستوكھولمدىمۇ تەبرىكلەندى.

گېرمانىيەدە ياشاۋاتقان تۈركىيە پۇقرالىرى، پايتەخت بېرلىننىڭ كرۇزبېرگ مەھەللىسى ۋە كۇفۇستېندام كوچىلىرىدا توپلىنىپ، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننى تەبرىكلىدى.

قاتارنىڭ سىمۋوللىرىدىن بىرى بولغان ئەل جابىر مۇنارلىرى نۇر بىلەن يورۇتۇلۇپ، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رەسىمى ۋە تۈركىيە بايراقلىرى چۈشۈرۈلدى.

گوللاندىيەنىڭ روتتېردام شەھىرىدىكى تۈركىيە پۇقرالىرى بايراقلارنى لەپىلدىتىپ، ئەردوغاننى تەبرىكلىدى.

شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى لەفكوشادا كىشىلەر تۈركىيە بايراقلىرى ۋە ئەردوغاننىڭ رەسىملىرى بىلەن بېزەلگەن ئاپتوموبىل ئەترىتىنى تەشكىللەپ، شەھەر كوچىلىرىنى ئايلاندى.

ئامېرىكا، ئىتالىيە، فىرانسىيە، ئەنگلىيە، ئاۋستىرىيە، بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنا، سېربىيە، كوسوۋۇ، قاراتاغ، شىمالىي ماكېدونىيە، ئالبانىيە، پاكىستان، پەلەستىن ۋە ئالجىرىيەدە جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ سايلامدىكى غەلىبىسى تەبرىكلەندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر