ئامېرىكا ۋاگنېرنىڭ مالىدىكى كاتتىبېشىغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈلىدىغانلىقى ئېلان قىلدى

ئامېرىكا رۇسىيەنىڭ ياللانما ئەسكەر شىركىتى ۋاگنېرنىڭ مالىدىكى رەھبىرىگە ئېمبارگو يۈرگۈزۈلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1991375
ئامېرىكا ۋاگنېرنىڭ مالىدىكى كاتتىبېشىغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈلىدىغانلىقى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا مىنىستىرلىقى رۇسىيەنىڭ ۋاگنېر شىركىتىنىڭ مالىدىكى كاتتىبېشىغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈلىدىغانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، ۋاگنېر شىركىتىنىڭ مالىدىكى كاتتىبېشى ئىۋان ماسلوۋغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈلۈشكە، كرېمىلنىڭ ئۇكرائىنادىكى رۇسىيە قىسىملىرىغا قورال يەتكۈزۈش ئۈچۈن غەربىي ئافرىقادىكى مالىدىن پايدىلانغانلىقىنىڭ سەۋەب قىلىپ كۆرسىتىلدى.

باياناتتا، ماسلوۋنىڭ چەت ئەلدىكى قورال-ياراغ تەمىنلىگۈچىلەردىن ئۇكرائىنادىكى رۇسىيە قىسىملىرىغا يەتكۈزۈش ئۈچۈن مىنا، ئۇچقۇ ۋە ھەر خىل قورال-ياراغ سىستېمىلىرىنى سېتىۋېلىش مەقسىتىدە ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلدى.

ئامېرىكانىڭ ھەر قانداق دۆلەتنىڭ ۋاگنېر شىركىتى ئارقىلىق رۇسىيەگە ياردەم قىلىشىغا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى قەيت قىلىنغان باياناتتا، «ۋاگنېر شىركىتى ئۇكرائىنادىكى رۇسىيە قىسىملىرى ئۈچۈن قورال-ياراغ سېتىۋېلىش ھەرىكىتىنى يوشۇرۇشقا تىرىشىۋاتىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە مالىدىكى ھەرىكەتلەرمۇ بار» دېيىلدى.

مالىنىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش ۋە ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ مالىيە ئىشلىرىغا مەسئۇل مەسلىھەتچىسى براين ئې.نېلسون (Brian E. Nelson): «ئېمبارگولار ۋاگنېرنىڭ دۇنيادىكى ھەرىكەتلىرىگە ياردەم قىلىۋاتقان مۇھىم كىشىلەرنى بايقاش ۋە ئۇلارنىڭ ھەرىكەتلىرىنى توسۇش مەنىسىگە ئىگە»  دېدى.

نېلسون ئافرىقا قىتئەسىدە ۋاگنېرنىڭ مەۋجۇتلۇقى رايوندىكى دۆلەتلەر ئۈچۈن مۇقىمسىزلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر