جەنۇبىي ئافرىقادا  «خولېرا يۇقۇمى» سەۋەبىدىن نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى

جەنۇبىي ئافرىقادا «خولېرا يۇقۇمى» سەۋەبىدىن قازا قىلغانلارنىڭ سانى 20 گە يەتتى.

1991296
جەنۇبىي ئافرىقادا  «خولېرا يۇقۇمى» سەۋەبىدىن نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جەنۇبىي ئافرىقا گاۋتېڭ ئۆلكىلىك سەھىيە ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يېقىنقى كۈنلەردە پرېتوريا ۋىلايىتىنىڭ  شىمالىدىكى ھاممانسكرال رايونىدا «خولېرا يۇقۇمى» تارقالغاندىن بۇيان 29 كىشى يۇقۇملانغان، بۇلاردىن 20 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان، «خولېرا يۇقۇمى» ئالامەتلىرى كۆرۈلگەن 179 كىشى دوختۇرخانىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

جەنۇبىي ئافرىقا ھۆكۈمىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ رايوندىكى بارلىق سۇ مەنبەلىرى تەجرىبىخانىلاردا تەكشۈرۈلگەن بولسىمۇ، ئەمما ھازىرغا قەدەر ھېچقانداق بىر سۇ مەنبەسىدە «خولېرا يۇقۇمى» بايقالمىغان.

جەنۇبىي ئافرىقا يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر تەتقىقات ئورنىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «خولېرا يۇقۇمى» نىڭ ئەڭ روشەن ئالامەتلىرىدىن بىرى ئىچى سۈرۈش ئىكەن، شۇڭا ئىچى سۈرۈش كېسەللىكلىرىنىڭ ھەممىسىنى «خولېرا يۇقۇمى» گۇمانى بىلەن داۋالاش كېرەك ئىكەن.

ئىگىلىنىشىچە، «ۋىبرىئو» باكتېرىيەسىدىن كېلىپ چىقىدىغان، يېمەكلىك ۋە سۇ ئارقىلىق تارقىلىدىغان «خولېرا يۇقۇمى»، قاتتىق ئىچى سۈرۈش ۋە ئۇسسۇزلۇقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.

ئەگەر  ۋاقتىدا داۋالانمىسا، ئېغىر ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر