رۇسىيەنىڭ «تۈرك ئېقىمى» ۋە «ماۋى ئېقىم»نى قوغداۋاتقان پاراخوتى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

رۇسىيە قارا دېڭىزدىكى تۈرك ئېقىمى ۋە ماۋى ئېقىم تەبىئىي گاز تۇرۇبا يوللىرىنى قوغداۋاتقان رۇسىيە دېڭىز ئارمىيەسى پاراخوتلىرىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1990542
رۇسىيەنىڭ «تۈرك ئېقىمى» ۋە «ماۋى ئېقىم»نى قوغداۋاتقان پاراخوتى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تېلېگرامما سۇپىسىدىكى ئادرېسىدا بايانات ئېلان قىلىپ، تۈرك ئېقىمى ۋە ماۋى ئېقىم تەبىئىي گاز تۇرۇبا يوللىرىنى قوغداۋاتقان رۇسىيە دېڭىز ئارمىيەسى ئۇرۇش پاراخوتى — ئىۋان خۇرسنىڭ ئۇكرائىنانىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقىنى ۋە «بارلىق دۈشمەن كېمىلىرىنىڭ ئوت ئېچىپ ۋەيران قىلىنغانلىقى» نى بىلدۈردى.

رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى يەنە ۋەقە يۈز بەرگەن پەيتكە مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ھالدا، بىر كىچىك كېمىنىڭ ئىلگىرىلەۋاتقان ئەسنادا ئېتىپ ۋەيران قىلىۋېتىلگەنلىكى كۆرۈنۈشىنى ھەمبەھرىلىدى.

كىيېۋ ھۆكۈمىتى ھازىرغىچە بۇ توغرىلىق بايانات ئېلان قىلمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر