ئامېرىكانىڭ نېبراسكا ئىشتاتىدا بالا چۈشۈرۈش چەكلەندى

ئامېرىكانىڭ نېبراسكا ئىشتاتىدا ھامىلدارلىقنىڭ 12-ھەپتىسىدىن باشلاپ بالا چۈشۈرۈشنى چەكلەيدىغان قانۇن تەكلىپ لايىھەسى ماقۇللاندى.

1989654
ئامېرىكانىڭ نېبراسكا ئىشتاتىدا بالا چۈشۈرۈش چەكلەندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ نېبراسكا ۋالىيسى جىم پىللېن (Jim Pillen) ئالدىنقى ھەپتە ئىشتات پارلامېنتىدا ماقۇللىغان ھامىلدارلىقنىڭ 12-ھەپتىسىدىن باشلاپ بالا چۈشۈرۈشنى چەكلەيدىغان قانۇن لايىھەسىنى ئىمزالىدى.

مەزكۇر قانۇن لايىھەسى دائىرىسىدە، ئۆكتەبىر (2023) دىن باشلاپ 19 ياشتىن تۆۋەنلەرنىڭ جىنسىيەت ئۆزگەرتىش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرۇشى ۋە بۇ دائىرىدە ھورمون بىلەن داۋالىنىشىنىڭ ئالدى ئېلىنىدۇ.

ۋالىي پىللېن بۈگۈنلەرنىڭ نېبراسكا ئىشتاتى ئۈچۈن «تارىخىي» بىر كۈن ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، بوۋاقلارنى قوغدايدىغان بۇ قانۇننىڭ كونسېرۋاتىپلار ئۈچۈن مۇھىم غەلىبە ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

يېقىنقى مەزگىللەردە، بولۇپمۇ جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى بەزى ئىشتاتلاردا ھامىلدارلىقنىڭ مەلۇم ھەپتىسىدىن كېيىن بالا چۈشۈرۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا مۇناسىۋەتلىك تەدبىرلەر يولغا قويۇلۇۋاتقان بولۇپ، بالا چۈشۈرۈش دورىسىنى ئىشلىتىشكە چەكلىمە قويۇلماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر