ۋاشىنگتون قىسقا مۇددەتلىك ئەنسىزلىككە سەھنە بولدى

ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتون قىسقا مۇددەتلىك ئەنسىزلىككە سەھنە بولدى.

1989578
ۋاشىنگتون قىسقا مۇددەتلىك ئەنسىزلىككە سەھنە بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىر كىچىك تىپلىق يۈك ئاپتوموبىلى شوپۇرى ئاقساراينىڭ يېنىدىكى لافايېت مەيدانىنىڭ بىخەتەرلىك توسۇقلىرىغا سوقۇلدى.

ۋەقەدىن كېيىن، بىخەتەرلىك قىسىملىرى ھوشيارلىقنى ئۆستۈردى. ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىننى قوغداشقا مەسئۇل مەخپىي ۋەزىپە ئۆتىگۈچى خادىملار باغچىنى تاقاپ، شوپۇرنى نازارەت ئاستىغا ئالدى.

ۋاشىنگىتون ساقچىلىرى بومبا بىر تەرەپ قىلىش ماشىنا ئادىمىدىن پايدىلىنىپ يۈك ئاپتوموبىلىنى ئاختۇردى؛ ئاپتوموبىلدىن پارتلاتقۇچ دورا ياكى قورال تېپىلمىدى.

يۈك ئاپتوموبىلىدىن بىر ناتسىستلار بايرىقىنىڭ تېپىلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن بولسىمۇ، قولغا ئېلىنغان گۇماندارنىڭ كىملىكى ۋە نېمە ئۈچۈن بۇ ھەرىكەتنى سادىر قىلغانلىقى توغرىسىدا ھېچقانداق مەلۇمات بېرىلمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر