بېلگرادتىكى قىسىم مەكتەپلەر بومبا ھۇجۇمى تەھدىتى سەۋەبىدىن تارقاقلاشتۇرۇلدى

سېربىيەنىڭ پايتەختى بېلگرادتىكى بىر قىسىم مەكتەپلەر بومبا ھۇجۇمى تەھدىتىگە دائىر ئۇچۇرغا ئاساسەن تارقاقلاشتۇرۇلدى.

1987631
بېلگرادتىكى قىسىم مەكتەپلەر بومبا ھۇجۇمى تەھدىتى سەۋەبىدىن تارقاقلاشتۇرۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سېربىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىغا قارىغاندا، بېلگرادتىكى 115 مەكتەپنىڭ ئېلېكترونلۇق ئېلخەت ئادرېسىغا، بۇ مەكتەپلەرگە پارتىلاتقۇچ بومبا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇلغانلىقى توغرىسىدا ئۇچۇر ئەۋەتىلگەن.

 سېربىيە ساقچىلىرى بۇ ئۇچۇرغا ئاساسەن دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈپ، مۇناسىۋەتلىك مەكتەپلەردىكى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار ۋە خىزمەتچى – خادىملارنى تارقاقلاشتۇرغان.

بەزى مەكتەپلەردە ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈش جەريانىدا، بومبا ئىزلىرى تېپىلمىغانلىقى ئۈچۈن ئوقۇ – ئوقۇتۇش ئىشلىرى داۋاملاشقان.

تارقاقلاشتۇرۇلغان باشقا مەكتەپلەردە بولسا، تەكشۈرۈش داۋاملاشقانغا قەدەر ئوقۇ – ئوقۇتۇش ئىشلىرى توختىتىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر