ۋاگنېر باشلىقىنىڭ ئۇكرائىناغا ئۇچۇر سېتىپ بېرىشنى تەكلىپ قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

رۇس ياللانما ئەسكەرلەر گۇرۇھى —  ۋاگنېرنىڭ قۇرغۇچىسى يېۋگېنىي پرىگوجىننىڭ رۇسىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ئورۇنلىرىنى ئۇكرائىناغا سېتىپ بېرىش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

1986731
ۋاگنېر باشلىقىنىڭ ئۇكرائىناغا ئۇچۇر سېتىپ بېرىشنى تەكلىپ قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكادا چىقىدىغان «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتى پرىگوجىننىڭ 24- فېۋرالدىن بۇيان رۇسىيەنىڭ ئىشغالىيىتىگە قارشى كۈرەش قىلىۋاتقان ئۇكرائىناغا بىر تەكلىپ سۇنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

گېزىتنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، پىرىگوجىن يانۋار ئېيىدا ئۇكرائىنا ئىستىخبارات (دۆلەت بىخەتەرلىك) خادىملىرىدىن پايدىلىنىپ، ئۇكرائىنانىڭ باخمۇت رايونىدىن ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈرۈشى بەدىلىگە رۇسىيە قىسىملىرىنىڭ ئورۇنلىرى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى سېتىپ بېرىش تەكلىپىنى سۇنغان، ئۇكرائىنا تەرەپ پىرىگوجىننىڭ تەكلىپىنى رەت قىلغان.

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلاادىمىر پۇتىن بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ يېقىنلىقى بىلەن تونۇلغان پرىگوجىن، باخمۇت رايونىدىكى ۋاگنېر ئەسكەرلىرىگە تېگىشلىك ئوق – دورا بېرىلمىگەن تەقدىردە، رايوندىن چېكىنىپ چىقىدىغانلىقىنى ئېيتىپ تەھدىت سالغانىدى.

ۋاگنېر گۇرۇھى رەھبىرى ئۆتكەن ھەپتە ئاۋازلىق ئۇچۇر تارقىتىپ، ئۆزى ۋە ئەسكەرلىرى رايوندىن ئايرىلغان تەقدىردە، ساتقۇن دەپ قارىلىدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر