ئامېرىكا - خىتاي ئوتتۇرىسىدا يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەر سۆھبىتى ئۆتكۈزۈلدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا «جاسۇسلۇق شارى» كىرىزىسىدىن كېيىن تۇنجى قېتىم يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەر سۆھبىتى ئۆتكۈزۈلدى.

1985704
ئامېرىكا - خىتاي ئوتتۇرىسىدا يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەر سۆھبىتى ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىك كېڭىشى مەسلىھەتچىسى جېيك سۇللىۋان ئاۋستىرىيە پايتەختى ۋىيېننادا خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك دىپلوماتى، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ يى بىلەن كۆرۈشتى.

ئاقساراي ۋە خىتاي تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتلاردا، ئۇچرىشىشنىڭ 10-مايدىن 11-مايغىچە ئاۋستىرىيە پايتەختى ۋىيېننادا ئەمەلگە ئاشۇرۇلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىك كېڭىشى مەسلىھەتچىسى جېيك سۇللىۋان بىلەن خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ يىنىڭ ئۇچرىشىشى، ۋاشىنگتون بىلەن بېيجىڭ ئوتتۇرىسىدا فېۋرال ئېيىدا خىتايغا تەۋە «جاسۇسلۇق شارى» نىڭ ئامېرىكا ھاۋا تەۋەلىكىگە كىرىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان كىرىزىس، ھەمدە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېننىڭ ئالدىن پىلانلانغان خىتاي زىيارىتىنى بىكار قىلىشىدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەر ئۇچرىشىشى بولدى.

ئاقساراي تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، تەرەپلەرنىڭ ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغان مەسىلىلەر، يەرشارىۋى ۋە رايونلۇق بىخەتەرلىك مۇناسىۋەتلىرى، رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى، ھەمدە تەيۋەن بوغۇزىنىڭ ئىككى قىرغىقى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر ھەققىدە «سەمىمىي، كونكرېت ۋە ئىجابىي» سۆھبەتلەرنى ئېلىپ بارغانلىقى قەيت قىلىندى.

باياناتتا يەنە، تەرەپلەرنىڭ 2022-يىلى 11-ئايدا ھىندونېزىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنىدا ئامېرىكا پرېزىدېنتى جو بايدىن بىلەن خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ئۇچرىشىشىدا ھاسىل قىلىنغان چۈشەنچىگە ئاساسەن ئىستراتېگىيەلىك ئالاقە يوللىرىنى ساقلاپ قېلىش توغرىلىق بىردەكلىك ھاسىل قىلغانلىقى تەكىتلەندى.

خىتاي تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، تەرەپلەرنىڭ خىتاي-ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىدىكى توسالغۇلارنى تۈگىتىش ۋە مۇقىملىقنى ساقلاش ئارقىلىق مۇناسىۋەتلەرنىڭ ناچارلىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەققىدە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرغانلىقى بايان قىلىندى.

باياناتتا، ئىككى رەھبەرنىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ ۋەزىيىتى، ئۇكرائىنا كىرىزىسى، خەلقئارالىق ۋە رايونلۇق مەسىلىلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارغانلىقى، ۋاڭ يىنىڭ خىتاينىڭ تەيۋەنگە قارىتا مەيدانىنى قايتا تەكىتلىگەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

باياناتتا يەنە، تەرەپلەرنىڭ ئىككى دۆلەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك دىپلوماتلىرى ۋە بىخەتەرلىك ئىشلىرى ئەمەلدارلىرىنىڭ بۇ ئىستراتېگىيەلىك ئالاقە يولىدىن داۋاملىق پايدىلىنىش توغرىلىق ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلغانلىقى تەكىتلەندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر