ياۋروپا ئۇكرائىنا ئۈچۈن ئوق-دورا ئىشلەپچقىرىشنى تېزلەشتۈرىدۇ

ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى مۇناسىۋەتلەر ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتى ئالىي ۋەكىلى جوسېپ بوررېل ياۋروپا مۇداپىئە سانائىتىنىڭ بارلىق ۋەكىللىرى بىلەن بىر يەرگە جەم بولۇپ، ئۇكرائىناغا ئوق-دورا ئەۋەتىشنى تېزلەشتۈرۈش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

1985247
ياۋروپا ئۇكرائىنا ئۈچۈن ئوق-دورا ئىشلەپچقىرىشنى تېزلەشتۈرىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى مۇناسىۋەتلەر ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتى ئالىي ۋەكىلى جوسېپ بوررېل ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ سانائەت ئىشلىرىغا مەسئۇل ئەزاسى تىيېررىي برېتون بىلەن تۋىتتېر ئادرېسىدا ۋىدېئو ھەمبەھرلىدى.

ئۇ ياۋروپا مۇداپىئە سانائىتىنىڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ۋەكىللىرى بىلەن يىغىن ئاچقانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ: «بىز ئۇكرائىنا ئۈچۈن ئوق-دورىلارغا ئېھتىياجلىق. بىز ئالدىراۋاتىمىز، بۇنىڭ ئۈچۈن سانائەتكە ئېھتىياجلىقمىز» دېدى.

ئۇ تۇنجى قېتىم مۇداپىئە سانائىتىنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى ۋەكىللىرى بىلەن بىر يەرگە جەم بولغانلىقلىرىنى ئەسكەرتىپ: «بارلىق سانائەتنىڭ مەقسىتىمىزنى قوللايدىغانلىقىغا چەكسىز ئىشىنىمەن» دېدى.

ئۇ ئۆتكەن ھەپتە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئۇكرائىناغا ئوق-دورىلار ئەۋەتىلگەنلىكى ئۈچۈن ئىسكىلاتتىكى ئازايغان ئوق-دورا مىقدارىنىڭ  ئورنىنى تولدۇرۇش مەقسىتىدە، ئوق-دورا ئىشلەپچىقىرىشنى قوللاش قانۇن تەكلىپىنى سۇنغانلىقلىرىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مۇداپىئە سانائىتى ساھەسىدىكى ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن مالىيە ۋاستىسى ئىشقا سېلىنىدىغان بولۇپ، ئىتتىپاق خامچوتىدىن ئوق-دورا ئىشلەپچىقارغۇچىلىرىغا 500 مىليون ياۋرو ئاجرىتىلىدۇ. ياۋروپا ئىتتىپاقى ئوق-دورا ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئىشلەپچىقىرىشىنى ئاشۇرۇش سېلىنمىلىرى ئۈچۈن ياۋروپادىكى قورال-ياراغ شىركەتلىرىنى ئىلھاملاندۇرىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرى ماسلىشىش ياكى ئىقتىسادىي قۇتقۇزۇش فوندلىرىنىڭ بىر قىسمىنى مۇداپىئە لايىھەلىرىگە يۈزلەندۈرىدۇ. ئوق-دورا بىلەن تەمىنلەش زەنجىرلىرىدىكى مەسىلىلەرنى يېقىندىن كۆزىتىش ئۈچۈن بىر مېخانىزم ئورنىتىلىدۇ.

بۇ قانۇن تەكلىپى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئۇكرائىناغا، بولۇپمۇ 155 مىللىمېتىرلىق توپ ئوقلىرىنى ئەۋەتىش پىلانىنىڭ بىر پارچىسىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر