فلورىدا ئىشتاتى خىتايلارنىڭ يەر سېتىۋېلىشىنى چەكلىدى

ئامېرىكانىڭ فلورىدا ئىشىتاتىدا، خىتايلارنىڭ تېرىلغۇ يەر سېتىۋېلىشى چەكلەندى.

1984744
فلورىدا ئىشتاتى خىتايلارنىڭ يەر سېتىۋېلىشىنى چەكلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فلورىدا ۋالىي مەھكىمىىسنىڭ باياناتىدا بىلدۈرۈلىشىچە، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىن 2024-يىلى ئۆتكۈزۈلىدىغان پىرېزىدېنت سايلىمىغا كاندىداتلىقىنى ئېلان قىلىدىغانلىقى مۆلچەرلەنگەن ۋالىي رون دېسانتىس (Ron DeSantis) خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ «جاسۇسلۇق ۋە دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت شەكىللەندۈرگەنلىكى» نى ئىلگىرى سۈرگەن بەزى پائالىيەتلىرىگە قارشى بىر يۈرۈش قانۇن تەكلىپ لايىھەسىنى تەستىقلىغان.

ۋالىي دېسانتىس بۇ رامكىدا، ئامېرىكا پۇقراسى ياكى دائىملىق تۇرۇش كېنىشكىسى بولمىغان ئەھۋالدا، خىتايلارنىڭ ۋە خىتاي كومپارتىيەسى بىلەن مۇناسىۋىتى بار كىشى ياكى ئىدارە-ئورگانلارنىڭ فلورىدادىن تېرىلغۇ يەر سېتىۋېلىشىنى چەكلىگەن قانۇن تەكلىپ لايىھەسىنى ئىمزالىدى.

ئۇ خىتايلارنىڭ ئامېرىكادىن تېرىلغۇ يەر سېتىۋېلىشنى خالايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ: «يېمەك-ئىچمەك بىخەتەرلىكى، دۆلەت بىخەتەرلىكىدۇر» دېدى ۋە دېھقانچىلىق يەرلىرىنى چەت ئەللىكلەرگە ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە چەكلىمە قويغانلىقلىرىنى تەكىتلىدى.

مەزكۇر قانۇن لايىھەسى بىلەن، خىتايلارنىڭ فلورىدادىكى ئامېرىكا ھەربىي بازىلىرىغا يېقىن رايونلاردىن مەلۇم كۆلەمدە يەر سېتىۋېلىشى چەكلىنىدۇ. رۇسىيە ، كۇبا ، ئىران ، سۈرىيە ۋە ۋېنېزۇئېلا پۇقرالىرىنىڭمۇ ھەربىي بازىغا يېقىن جايدىن مال-مۈلۈك سېتىۋېلىشى مەنئى قىلىنىدۇ.

ئۇ يەنە، ئۇنىۋېرسىتېت ۋە مەكتەپلەرنىڭ دۆلەت مائارىپ كېڭىشىنىڭ تەستىقىنى ئالماي تۇرۇپ، چەت ئەل مائارىپ ئورگانلىرىنىڭ ياردەم مەبلىغىنى قوبۇل قىلىشىنى چەكلەيدىغان قانۇن لايىھەسىنىمۇ ئىمزالىدى. بۇ ئارقىلىق خىتاي ئىدارە-ئورگانلىرىنىڭ فلورىدا ئىشتاتىدىكى مائارىپ ئورگانلىرىغا تەسىر كۆرسىتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەقسەت قىلىندى.

ئۇ تىكتوكنىڭ ھۆكۈمەت ۋە مائارىپ ئورگانلىرىدا ئىشلىتىلىشىنى چەكلەيدىغان قانۇن تەكلىپ لايىھەسىنىمۇ ئىمزالاپ، خىتاينىڭ ئامېرىكىلىقلارنىڭ سەزگۈر دىجىتال (رەقەملىك) سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئېرىشىشنى توختىتىش ئۈچۈن بۇ تەدبىرلەرنى ئالغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

نۇرغۇن ئامېرىكالىق خىتايلار ئۆزلىرىگە قارشى ئايرىمىچىلىققا سەۋەب بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، فلورىدا ئىشتاتىنىڭ مەزكۇر قارارلىرىغا نارازىلىق بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر