ئامېرىكادا ئىسلام دۈشمەنلىكى ئەۋج ئېلىپ كەتتى
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا ئىسلام دۈشمەنلىكى ۋە مۇسۇلمانلارغا قارشى ئۆچمەنلىك جىنايەتلىرى ئەۋج ئېلىپ كەتتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا-ئىسلام مۇناسىۋەتلىرى كېڭىشىنىڭ دوكلاتىغا قارىغاندا، ماسساچۇسېتس ئىشتاتىدىكى مەكتەپلەردە ئىسلام دۈشمەنلىكى توغرىسىدىكى ئەرز – شىكايەتلەر % 72 كۆپەيگەن.
بۇ ئەرز – شىكايەتلەرنىڭ كۆپ قىسمىنى مۇسۇلمان ئوقۇغۇچىلارنى قېلىپلاشتۇرۇش ۋە كەمسىتىش تەشكىل قىلغان.
مۆلچەرلىنىشىچە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا تەخمىنەن 3 مىليون 500 مىڭ مۇسۇلمان ياشايدىكەن. مۇسۇلمانلار دۆلەتنىڭ ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ% 1.1 نى تەشكىل قىلىدىكەن.
ئامېرىكا-ئىسلام مۇناسىۋەتلىرى كېڭىشى 11-ئاپرېل ئېلان قىلغان «2022-يىللىق كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى» دوكلاتىدىمۇ بۇ مەسىلىنىڭ دۆلەت مىقياسىدىكى ئومۇمىي ئەھۋالىغا ئورۇن ئاجراتقانىدى.
دوكلاتتا مائارىپ ساھەسىسدىكى ئىسلام دۈشمەنلىكى، گۇمانىي قاراش ۋە ئايراىمچىلىق قاتارلىق ئەرز – شىكايەتلەرنىڭ % 33 تىن ئېشىپ كەتكەنلىكى تەكىتلەنگەنىدى.
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا 2001-يىلى 11-سېنتەبىر كۈنى يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇملىرىدىن كېيىن، بۇ دۆلەتتە مۇسۇلمانلارغا ئۆچمەنلىك قىلىش جىنايەتلىرى بارغانسېرى كۆپىيىپ كەتكەن.
ئامېرىكا-ئىسلام مۇناسىۋەتلىرى كېڭىشى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا مۇسۇلمانلارغا ئۆچمەنلىك قىلىشنىڭ تۈزۈملەشتۈرۈلگەنلىكىنى ئەسكەرتمەكتە.
كېڭەش بۇلارنىڭ سىياسەتچىلەر، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى، تەتقىقات مەركەزلىرى ۋە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ مەلۇم كۈنتەرتىپلىرى ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىمەكتە.