نىگېرىيەدە يۈز بەرگەن پاراخوت چۆكۈپ كېتىش ۋەقەسىدە نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى

نىگېرىيەنىڭ زامفارا ئۆلكىسىدە بىر يولۇچىلار پاراخوتىنىڭ چۆكۈپ كېتىشى نەتىجىسىدە سەككىز ئادەم قازا قىلدى.

1984091
نىگېرىيەدە يۈز بەرگەن پاراخوت چۆكۈپ كېتىش ۋەقەسىدە نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نىگېرىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بىر يولۇچىلار پاراخوتى ناچار ھاۋارايى سەۋەبىدىن زامفارا ئۆلكىسىنىڭ گۇساۋ رايونىدىكى دەريادا چۆكۈپ كەتكەن.

دەسلەپكى ئېنىقلاشلارغا قارىغاندا، ھادىسىدە سەككىز ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان، نۇرغۇن كىشى  يوقاپ كەتكەن.

ۋەقەدىن كېيىن، يوقاپ كەتكەنلەرنى ئىزدەش – قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرى باشلانغان.

ئىگىلىنىشىچە، نىگېرىيەدە يامغۇر پەسلىدە دەريالاردا پات-پات پاراخوت چۆكۈپ كېتىش ھادىسىلىرى يۈز بېرىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر