خىتاي ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىدە بالايى-قازالارنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى ئوتتۇرىغا قويدى

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چىن گاڭ ئامېرىكا باش ئەلچىسىگە «مۇناسىۋەتلەردە بالايى-قازالارنىڭ ئالدىنى ئېلىش» توغرىسىدا ئۇچۇر بەردى.

1984005
خىتاي ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىدە بالايى-قازالارنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى ئوتتۇرىغا قويدى

چىن گاڭ ئامېرىكانىڭ بېيجىڭدىكى باش ئەلچىسى نىكولاس بۇرنس (Nicholas Burns) بىلەن كۆرۈشكەندە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنى قايتىدىن مۇقىملاشتۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىنى كۆرسىتىپ: «جىدىيچىلىك پەيدا قىلىشتىن ساقلىنىش» ۋە «مۇناسىۋەتلەردە بالايى- قازالارنىڭ ئالدىنى ئېلىش» كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىغا قارىغاندا، چىن گاڭ ئامېرىكا باش ئەلچىسى بۇرنىس بىلەن كۆرۈشكەندە،  2022-يىلى نويابىردا خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىننىڭ ھىندونېزىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن «G20» يىغىنىدا ئۇچرىشىپ، مۇناسىۋەتلەرنى ياخشىلاش مەسىلىسىدە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلغانلىقىنى، ئەمما كېيىنچە  «ئامېرىكا تەرەپنىڭ خاتا سۆزلىرى ۋە ھەرىكىتى سەۋەبىدىن» مۇھىم ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچنىڭ يوقالغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

چىن گاڭ ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىدە دىيالوگ ۋە ھەمكارلىق كۈنتەرتىپىنىڭ ئۈزۈلۈپ قالغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىشىمىز ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىنى مۇقىملىققا ئىگە قىلىش بولۇشى كېرەك. جىددىيچىلىك پەيدا قىلىشتىن يىراق تۇرۇپ، مۇناسىۋەتلەردە بالايى- قازالارنىڭ ئالدىنى ئېلىشىمىز كېرەك. يۈز بېرىش ئېتىمالى بولغان ۋە كۈتۈلمىگەن ۋەقەلەرنى ئېغىر-بېسىقلىق، كەسپىيچانلىق ۋە ئەمەلىيەتچىلچانلىق بىلەن بىر تەرەپ قىلىپ، مۇناسىۋەتلەرگە زىيان سېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشىمىز كېرەك.»

چىن گاڭ ئامېرىكانىڭ خىتايغا بولغان تونۇشىنى ھەر ئىككى دۆلەتكە پايدىلىق بولغان مۇۋاپىق يۆنىلىشكە قويۇشى كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ: «خىتاينى باستۇرۇش ۋە قورشاشقا ئۇرۇنغاندا ئۆزئارا ئالاقە ھەققىدە سۆزلەش مۇمكىن ئەمەس، سىز بىر نەرسە دەپ، باشقا ئىش قىلسىڭىز بولمايدۇ. ئامېرىكا خىتاينىڭ قىزىل سىزىقلىرىغا ۋە سەۋر چېكىگە ھۆرمەت قىلىشى، ئىگىلىك ھوقۇقىغا، بىخەتەرلىكىگە ۋە تەرەققىيات مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان ھەرىكەتلەردىن ساقلىنىشى كېرەك» دېدى.

ئۇ ئاخىرىدا، ئامېرىكانىڭ تەيۋەن مەسىلىسىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىشى كېرەكلىكىنى كۆرسىتىپ، ئامېرىكانى «بىر خىتاي سىياسىتى» غا بۇزغۇنچىلىق قىلىشنى توختىتىشقا، تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىقىنى قوغدايدىغان بۆلگۈنچى كۈچلەرنى قوللاش ۋە رىغبەتلەندۈرۈشنى توختىتىشقا چاقىردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر