فىرانسىيەدە چاقماق چېقىش نىسبىتى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن سائىتىگە 1041 قېتىمغا يەتتى
فىرانسىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە 25 مىڭ قېتىمدىن ئارتۇق چاقماق چاقتى.
1983673
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيە بوران ۋە شىۋىرغانلارنى كۆزىتىش مەركىزىنىڭ تىۋىتتېر ئادرېسىدا ئېلان قىلىنغان باياناتتا، تۈنۈگۈن (6-ماي) چۈشتىن كېيىن باشلانغان بوران-چاپقۇنلۇق ھاۋارايى شارائىتى سەەبىدىن يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە 25 مىڭ قېتىمدىن ئارتۇق چاقماق چاققانلىقى بىلدۈرۈلدى.
شۇنىڭ بىلەن، بۇ رايونلاردا چاقماق چېقىش نىسبىتى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن سائىتىگە 1041 قېتىمغا يەتتى.
بوران-چاپقۇنلۇق ھاۋارايى سەۋەبىدىن فىرانسىيەنىڭ شەرقىدە قاتتىق مۆلدۈر ياغدى.
فىرانسىيە مەتبۇئاتلىرىمۇ ناچار ھاۋارايى سەۋەبىدىن 69 رايوندا ئوتتۇرا دەرىجىدىكى قىزغۇچ سېرىق ئاگاھلاندۇرۇشى ئېلان قىلىنغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.