ئېكۋادوردا تاش گۈمۈرۈلۈش ۋەقەسىدە جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى ئاشتى

جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىگە جايلاشقان ئېكۋادوردا 27-مارت يۈز بەرگەن تاغ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەسىدە جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 51 گە چىقتى.

1982990
ئېكۋادوردا تاش گۈمۈرۈلۈش ۋەقەسىدە جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى ئاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئېكۋادور دۆلەتلىك خەتەرنى باشقۇرۇش كاتىباتلىقىنىڭ باياناتىدا، چىمبورازو ئىشتاتىنىڭ ئالاۋسى بازىرىدىكى تاغ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەسىدە جېنىدىن ئايرىلغانلار سانىنىڭ كۆپەيگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

دائىرىلەر، يەر ئاستىدا ھازىرغىچە 37 ئادەم بارلىقىنى، جەسەتلەرنى تېپىش ئۈچۈن ئىنچىكە خىزمەتلەرنىڭ ئىشلىنىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

تاغ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەسىدە، 163 ئۆينىڭ زىيانغا ئۇچرىغانلىقى ۋە 57 ئۆينىڭ پۈتۈنلەي ۋەيران بولغانلىقى ئېلان قىلىندى.

يەرلىك تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ رايوندىكى تاغدا بىر مەزگىل يېرىق پەيدا بولۇپ، تاغ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

ئېكۋادور قاتناش مىنىستىرلىقى تاقالغان يوللارنى قاتناشقا ئېچىۋېتىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتلىۋاتقانلىقىنى ۋە 30-مارت چىمبورازو ئىشتاتىدا «جىددىي ھالەت» ئېلان قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر