گېرمانىيەدە بىر بىناغا ئوت كەتتى

گېرمانىيەنىڭ شىمالىغا جايلاشقان شلېسۋىگ خوشتايىن (Schleswig-Hostein) ئىشتاتىنىڭ فلېنسبۇرگ (Flensburg) شەھىرىدىكى بىر بىنادا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە، بىر كىچىك بالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىككى كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.

1982963
گېرمانىيەدە بىر بىناغا ئوت كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيەدە بىر بىناغا ئوت كېتىپ، ئىككى كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.

فلېنسبۇرگ ساقچى ئىدارىسىنىڭ بىناغا ئوت كېتىش ۋەقەسى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ كىملىكى توغرىسىدا ھازىرغىچە مەلۇمات بېرىلمىگەنلىكى ۋە نۇرغۇن كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

گېرمانىيە د پ ئا (DPA) ئاگېنتلىقى بىناغا ئوت كېتىش ۋەقەسىدە  يارىلانغانلار سانىنىڭ توققۇز ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

مەزكۇر بىنادا 40 كىشىنىڭ ياشايدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر