بۇركىنا فاسودا يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا 33 ئەسكەر قازا قىلدى

بۇركىنا فاسونىڭ گوئۇرما ئۆلكىسىدىكى بىر ھەربىي قىسىم تېررورچىلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، 33 ئەسكەر ھاياتىدىن ئايرىلدى.

1980454
بۇركىنا فاسودا يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا 33 ئەسكەر قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۇركىنا فاسو ئارمىيەسى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، دۆلەتنىڭ گوئۇرما ئۆلكىسىدە تۇرۇشلۇق ھەربىي قىسىمنىڭ نامەلۇم كىشىلەرنىڭ قوراللىق ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا، ھۇجۇمدىن كېيىن ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا 40 تېررورچىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقى، 33 ئەسكەرنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى، 12 ئەسكەرنىڭ يارىلانغانلىقى قەيت قىلىندى.

بۇركىنا فاسو 2015- يىلىدىن بۇيان قوشنا دۆلەت مالىنى مەركەز قىلىپ پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئەلقائىدە ۋە دائېشقا چېتىشلىق تېررورلۇق گۇرۇپپىلىرىنىڭ ھۇجۇملىرىغا ئۇچراپ كەلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر