ئىسرائىلىيە ساقچىلىرى بىر تۈركىيە پۇقراسىنى نازارەتكە ئالدى

ئىسرائىلىيە ساقچىلىرى ئاشقۇن يەھۇدىي كۆچمەنلەرنىڭ ھۇجۇمى ئەسناسىدا مەسجىدى ئەقسادا قۇرئان ئوقۇۋاتقان تۈركىيە پۇقراسى ئۆزگەجان مۇتلۇنى نازارەتكە ئالدى.

1979377
ئىسرائىلىيە ساقچىلىرى بىر تۈركىيە پۇقراسىنى نازارەتكە ئالدى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: ئاشقۇن يەھۇدىي كۆچمەنلىرى ئەتىگەندە ئىشغالىيەت ئاستىدىكى شەرقىي قۇددۇسقا جايلاشقان  مەسجىدى ئەقساغا ئىسرائىلىيە ساقچىلىرىنىڭ قوغدىشى ئاستىدا بېسىپ كىردى.

ئىسرائىلىيە ساقچىلىرى ئاشقۇن يەھۇدىيلارنى گۇرۇپپىلارغا بۆلۈپ ئاقساغا ئېلىپ كىردى.

دوستلىرىنىڭ سۆزلىرىگە ئاساسلانغاندا، ئۆزگەجان مۇتلۇ ئاشقۇن يەھۇدىي كۆچمەنلەرنىڭ بېسىپ كىرىشى جەريانىدا مەسجىدى ئاقسانىڭ ئىچىدىكى رەھمەت مەسجىدى ئەتراپىدا قۇرئان ئوقۇۋاتاتتى.

ئىسرائىلىيە ساقچىلىرى تۈركىيەلىك ئايال مۇتلۇنى ئۇ يەردىن ئۇزاقلارشتۇرۇش ئۈچۈن ئۇنىڭ سومكىسىنى ئالدى.

ساقچىلار قولىدىكى سومكىسىنى ئېلىپ مەسجىدى ئاقسانىڭ ئەسبات دەرۋازىسىغا قاراپ مېڭىپ مۇتلۇنى چىقارماقچى بولدى.

مۇتلۇ بىر مەزگىل سومكىسىنىڭ ئارقىدىن ماڭغاندىن كېيىن مەسجىدى ئاقسانىڭ ئىچىگە قايتىپ كىرمەكچى بولدى.  شۇ جەرياندا بىر نەچچە ساقچى ئۇنى نازارەتكە ئېلىپ مەسجىدى ئاقسادىن سىرىتقا چىقاردى.

ئىسرائىلىيەنىڭ ساقچى باياناتچىسى ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك سوئاللارغا تېخىچە جاۋاب قايتۇرمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر