خىتاي ۋە فىلىپپىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى مانىلادا كۆرۈشتى

فىلىپپىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئېنرىك مانالو  بىلەن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چىڭ گاڭ ئىككى دۆلەتنىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئىگىلىك ھوقۇقلىرىغا ئالاقىدار ئىختىلاپلارنى مۇزاكىرىلىشىش ئۈچۈن فىلىپپىننىڭ پايتەختى مانىلادا ئۇچرىشىش ئۆتكۈزدى.

1978176
خىتاي ۋە فىلىپپىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى مانىلادا كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: چىڭ گاڭ باياناتىدا، «زىددىيەتنى دىئالوگ ئارقىلىق ھەل قىلىش، رايون ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقى شۇنداقلا مۇقىملىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئەھدىنامىلەرنى داۋاملاشتۇرۇش» نى تەشەببۇس قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

فىلىپپىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئېنرىك مانالو بولسا،  ئىككى دۆلەتنىڭ سودا مۇناسىۋىتى ۋە رايون خاراكتېرلىق ئىختىلاپلارغا  ئالاقىدار ئالدىنقى قېتىمقى يېغىنلاردا ھاسىل قىلىنغان ئۆزگىرىشلەر ئۈستىدە توختىلىپ، شۇنداقتىمۇ ھەل قىلىشقا تېگىشلىك نۇرغۇن مەسىلىلەرنىڭ بارلىقىنى تىلغا ئالدى.

ئىككى دۆلەت تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى سەۋىيەسىدىكى بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىش؛ 1-ئايدا فىلىپپىن پىرېزىدېنتى فېردىناند ماركوس جىرنىڭ بېيجىڭدا ئۆتكۈزگەن زىيارىتى ۋە خىتاي مەنسەپدىشى شى جىنپىڭ بىلەن ئۆتكۈزگەن ئۇچرىشىشىدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئۇچرىشىش دەپ رۇيخەتكە ئېلىندى.

ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدىكى قىرغاقداش دۆلەتلەر مۇستەقىللىقىغا ئېرىشكەن بولۇپ، شۇنىڭدىن كېيىن  رايون دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئىگىلىك ھوقۇقى تالاش -تارتىشلىرىنىڭ مەركىزىدە خىتاي بىلەن فىلىپپىن ئورۇن ئېلىپ كەلمەكتە.

خىتاي تۇنجى قېتىم 1947-يىلى ئېلان قىلىنغان خەرىتىنى باھانە قىلىپ، جەنۇبىي دېڭىزنىڭ %80 تىن كۆپرەكىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ ئۆزىگە تەۋە ئىكەنلىكىنى داۋا قىلىپ كەلمەكتە.

فىلىپپىندىن باشقا يەنە، ۋېيتنام، برۇنېي ۋە مالايشىيامۇ يەر ئاستى بايلىقى مول بولغان بۇ رايوندا ئىگىلىك ھوقۇقى تەلەپ قىلماقتا.

خىتاينىڭ رايوندىكى تالاش-تارتىشلىق ئاراللاردا قانۇنسىز ھەربىي بازىلارنى  قۇرۇشىغا ۋە ھەربىي ئامىللاردىن باشقا يەنە پۇقراۋىي پاراخوتلار ئارقىلىقمۇ مەۋجۇتلىقىنى نامايان قىلىپ يۈرىشىگە قارىتا رايوندىكى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە ئامېرىكامۇ قارشى چىقىپ كەلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر