بايدىن دۇنيا  مۇسۇلمانلىرىنىڭ روزا ھېيتىنى تەبرىكلىدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى جو بايدىنمۇ پۈتكۈل دۇنيا  مۇسۇلمانلىرىنىڭ روزا ھېيتىنى تەبرىكلىدى.

1977802
بايدىن دۇنيا  مۇسۇلمانلىرىنىڭ روزا ھېيتىنى تەبرىكلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پىرېزىدېنت بايدىن دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ روزا ھېيتىنى تەبرىكلەپ ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «ئەي مۇسۇلمانلار! سىلەر مۇبارەك رامىزان ئېيىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، روزا ھېيتنى تەبرىكلەۋاتقان بىر پەيتتە، ئايالىم جىم ۋە مەن ئىككىمىز،  دۆلىتىمىز ۋە دۇنيادىكى بارلىق مۇسۇلمانلار جامائىتىگە ئەڭ گۈزەل تىلەكلىرىمىزنى سوۋغا قىلىمىز. روزا ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!»

بايدىن مۇسۇلمانلارنىڭ فىترە ئىبادىتىنىڭ ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە يېمەك - ئىچمەك ۋەسەدىقە قىلىش ئارقىلىق نامايان قىلغان سېخىيلىقىدىن ئىنتايىن تەسىرلەنگەنلىكىنى ئېيتتى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى جو بايدىن روزا ھېيتنىڭ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى توقۇنۇشلار، نامراتلىق، ئاچارچىلىقنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان، تۈرلۈك كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇۋاتقان ۋە يۇرت-ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قېلىۋاتقان مۇسۇلمانلار جەمئىيەتلىرى ياد ئېتىلىدىغان، پىداكارلىق، خەير-ساخاۋەت ۋە تەپەككۈر قىلىش ئۈچۈن بېغىشلانغان مۇبارەك بىر ئاينىڭ تاماملانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

بايدىن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئىسلام دۈشمەنلىكى قاتارلىق ھەر خىل ئۆچمەنلىك جىنايەتلىرىگە قارشى كۈرەش قىلىش ئىرادىسىنىڭ قەيتلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كۆپلىگەن رايونلاردا ئامېرىكانىڭ گۈللىنىشىگە تۆھپە قوشۇۋاتقان مۇسۇلمانلارنى تەقدىرلەش ئۈچۈن ئاقسارايدا روزا ھېيتنى تەبرىكلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزىدىغانلىقلىرىدىن پەخىرلىنىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

 

بايدىن سۆزىنى «روزا ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!» تىلەكلىرى بىلەن تاماملىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر