ناتو تور بىخەتەرلىك مانېۋىرى ئۆتكۈزمەكتە

ناتو 38 دۆلەتتىن كەلگەن 3 مىڭدىن ئارتۇق ئىشتىراكچى بىلەن دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تور بىخەتەرلىك مانېۋىرى ئۆتكۈزمەكتە.

1976906
ناتو تور بىخەتەرلىك مانېۋىرى ئۆتكۈزمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ناتونىڭ يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان «قۇلۇپلانغان قالقان» ناملىق مانېۋىرى، ئېستونىيەدىكى ناتو ھەمكارلىق تور مۇداپىئە مەركىزى (CCDCOE) دە ئۆتكۈزۈلمەكتە.

ناتونىڭ بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىغا قارىغاندا، تۈنۈگۈن (18-ئاپرېل) باشلانغان ۋە 21-ئاپرېلغىچە داۋاملىشىدىغان مانېۋىردا، كومپيۇتېر سىستېمىلىرى ھۇجۇمدىن قوغدىلىپ، ھالقىلىق ئەھۋالدا چىقىرىلىدىغان تاكتىكا ۋە ئىستراتېگىيەلىك قارارلار مانېۋىردا تەقلىد قىلىنىدىكەن.

ناتو ھەمكارلىق تور مۇداپىئە مەركىزىنىڭ دىرېكتورى مارت نۇرما (MartNoorma): «ھېچقانداق تور مۇداپىئە مانېۋىرى <قۇلۇپلانغان قالقان> غا ئوخشاش ئالاھىدە ۋە تەپسىلىي تەجرىبە بىلەن تەمىنلىيەلمەيدۇ. دۇنيادىكى 24 كۆك گۇرۇپپا ھالقىلىق ئۇل- ئەسلىھە ۋە كومپيۇتېر سىستېمىسىنىڭ ئوچۇق بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. كوماندىلار رېئال تۇرمۇشتىكى ئەھۋاللار ۋە يۇقىرى بېسىم ئاستىدا، سىستېمىنىڭ ئىشلىشىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ». دېدى.

ئۇ ئۆزلىرىنىڭ تېخنىكىلىق مەسىلىلەرگىلا ئەمەس، بەلكى ئىستراتېگىيە ئويۇنلىرى، قانۇن مەسىلىلىرى ۋە كىرىزىس ئالاقىسى قاتارلىق ساھەلەرگىمۇ ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر