لاۋروۋ ۋېنېزۇئېلادا زىيارەتتە بولدى

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ ۋېنېزۇئېلا پىرېزىدېنتى نىكولاس مادۇرو تەرىپىدىن قوبۇل قىلىندى.

1977050
لاۋروۋ ۋېنېزۇئېلادا زىيارەتتە بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لاتىن ئامېرىكا زىيارىتى دائىرىسىدە ۋېنېزۇئېلاغا يېتىپ بارغان رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ ۋېنېزۇئېلا پىرېزىدېنتى نىكولاس مادۇرو تەرىپىدىن قوبۇل قىلىندى.

ئىككى دۆلەت ھەيئەتلىرىمۇ قاتناشقان ئۇچرىشىش، ۋېنېزۇئېلا پىرېزىدېنتى نىكولاس مادۇرونىڭ ساھىبخانلىقىدا پىرېزىدېنت سارىيى مىرافلورېستە ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى.

ۋېنېزۇئېلا پىرېزىدېنتى نىكولاس مادۇرو ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان سىنلىق باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ بىلەن خۇشاللىنارلىق ئۇچرىشىش ئېلىپ باردۇق. بۇ ئۇچرىشىش ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلىرىمىزنى ۋە ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئورتاق ھەمكارلىقىمىزنى تېخىمۇ كۈچەيتىشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ.»

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ مادۇرو بىلەن ئۇچرىشىشتىن ئىلگىرى ۋېنېزۇئېلا دىپلوماتىيە مىنىستىرى يۋان گىل ۋە ۋېنېزۇئېلا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى دېلسى رودرىگۇئېز بىلەن كۆرۈشكەنىدى.

رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى لاۋروۋنىڭ 4-ئاينىڭ 17-21-كۈنلىرى بىرازىلىيە، ۋېنېزۇئېلا، نىكاراگۇئا ۋە كۇبادا رەسمىي زىيارەتتە بولىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

لاۋروۋ تۇنجى لاتىن ئامېرىكا زىيارىتىنى دۈشەنبە كۈنى (17-ئاپرېل) بىرازىلىيەدىن باشلىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر