بوررېل: تەيۋەن ياۋروپا ئۈچۈن مۇھىم

ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى مۇناسىۋەتلەر ۋە خەۋپسىزلىك سىياسەتلىرى ئالى ۋەكىلى جوسېپ بوررېل تەيۋەننىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۈچۈن ھالقىلىق ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

1976831
بوررېل: تەيۋەن ياۋروپا ئۈچۈن مۇھىم

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى مۇناسىۋەتلەر ۋە خەۋپسىزلىك سىياسەتلىرى ئالى ۋەكىلى جوسېپ بوررېل ياۋروپا پارلامېنتى ئومۇمىي كېڭىشىدە ئۆتكۈزۈلگەن خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەر توغرىسىدىكى يىغىندا سۆز قىلدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئۇرسۇلا ۋون دېر لېيېننىڭ فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېمانۇئېل ماكرون بىلەن بىرلا ۋاقىتتا ئېلىپ بارغان مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدىكى خىتاي زىيارىتىگە قاتنىشىش پىلانىنى كوۋىد – 19 دىن يۇقۇملىنىپ قېلىش سەۋەبلىك ئەمەلگە ئاشۇرالمىغانلىقىنى ئەسلىتىپ ئۆتكەن بوررېل، ئۇ يەردە بەرمەكچى بولغان سىگنالىنىڭ «خىتايغا قارىتىلغان ئىستراتېگىيەمىز چوقۇم قىممەت - قاراش، ئىقتىسادىي بىخەتەرلىك، تەيۋەن ۋە ئۇكرائىنادىن ئىبارەت تۆت سۆزنى ئاساس قىلىشى كېرەك» دېگەندىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ تەيۋەن ھەققىدە توختىلىپ: «تەيۋەن ئۈچ سەۋەبتىن ياۋروپا ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. ئۇ دۇنيانىڭ، بولۇپمۇ سودىمىزنىڭ ئەڭ ئىستراتېگىيەلىك بوغۇزى. بىز ئەركىن تىجارەت پائالىيەتلىرى ۋە پاراخوت ئەترەتلىرىمىز بىلەن ئۇ يەردە بولۇشىمىز كېرەك. ئىككىنچىدىن، تەيۋەنگە قارشى كۈچ ئىشلىتىلىشىگە پەقەت ئەخلاقىي سەۋەبتىنلا ئەمەس، بەلكى تەيۋەننىڭ ئەڭ ئىلغار يېرىم ئۆتكۈزگۈچلەرنى ئىشلەپچىقىرىشتىكى ئىستراتېگىيەلىك رولىنى نەزەردە تۇتۇپ قارشى چىقىشىمىز كېرەك. ئاخىرىدا، ئەگەر بىز بىر جۇغراپىيەلىك سىياسىي كۈچكە ئايلىنىشنى خالايدىغان بولساق، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا مەيدانىمىزنى قايتىدىن تەكىتلىشىمىز، مەنپەئەتىمىزنى قوغدىشىمىز، تىنچلىقنى تەشەببۇس قىلىشىمىز ۋە ئىغۋاگەرچىلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىشىمىز كېرەك» دېدى.

بوررېل مەسىلىنى ئەڭ ياخشى ھەل قىلىش چارىسىنىڭ ئىلگىرىكى ھالەتكە قايتىش ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ: «تەيۋەن تىنچلىقنى كاپالەتلەندۈرۈش، ئوتقا ياغ چاچماستىن مەنپەئەتىمىزنى قوغداشتىكى جۇغراپىيەۋى ئىستراتېگىيەلىك مۇھىتىمىزنىڭ بىر قىسمى. مەن بارلىق ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ بۇ قاراشتا ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمەن» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر