ئەنگلىيە ۋە گېرمانىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى رۇسىيەنىڭ جاسۇسلۇق ئايروپىلانىنى توستى

ئەنگلىيە ۋە گېرمانىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ھاۋا تەۋەلىكىگە يېقىن ئۇچۇۋاتقان رۇسىيەنىڭ ئىككى ئۇرۇش ئايروپىلانى ۋە بىر جاسۇسلۇق ئايروپىلانىنى توستى.

1976497
ئەنگلىيە ۋە گېرمانىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى رۇسىيەنىڭ جاسۇسلۇق ئايروپىلانىنى توستى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيە خان جەمەتى ھاۋا ئارمىيەسى (RAF) تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، گېرمانىيە ھاۋا ئارمىيەسى بىلەن ئەنگلىيە ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ «ياۋروفىگېر تايفون بورىنى» تىپلىق ئايروپىلانلارنىڭ، فىنلاندىيە دېڭىز قولتۇقى ۋە بالتىق دېڭىزىدا ئۇچۇۋاتقان رۇسىيەنىڭ ئىككى ئايروپىلانى ۋە بىر جاسۇسلۇق ئايروپىلانىنى توسۇش ئۈچۈن بىرلەشمە ۋەزىپە ئىجرا قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، بۇ ئايروپىلانلاردىن بىرىسنىڭ رۇسىيەنىڭ پولشاغا يېقىن كالىنگراد رايونىغا قاراپ ئۇچۇۋاتقان رۇسىيەگە تەۋە جاسۇسلۇق ئايروپىلانى ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى ۋە ئەنگلىيە ھاۋا ئارمىيەسى ئۇچقۇچىسىنىڭ «بالتىق دېڭىزىدا ئۇچۇۋاتقان رۇسىيەنىڭ ھەربىي ئايروپىلانلىرىنى پات- پات كۆرۈپ تۇرىمىز. شۇڭا، بۇ بىز ئۈچۈن دائىمقىدەك ئالدىنى ئېلىش تەدبىرى بولۇپ قالدى. شۇنداقتىمۇ بۇ ئايروپىلانلارنى توسۇشنىڭ مۇھىملىقى ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ھاۋا ساھەسىنىڭ كوللېكتىپ قوغدىلىشىغا بولغان ساداقىىتمىزقەتئىي تەۋرەنمەي داۋاملاشماقتا» دېگەن سۆزلىرىگە ئورۇن ئاجرىتىلدى.

ئەنگلىيە ۋە گېرمانىيە ھاۋا ئارمىيەسى «Azotize» ھەرىكىتى دائىرىسىدە، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى چېگراسىنىڭ شەرقىي تەرىپىنى قوغداش ئۈچۈن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر