ئامېرىكا-جەنۇبىي كورېيە-ياپونىيە بىرلەشمە مانېۋىرى باشلاندى

كورېيە يېرىم ئارىلىنىڭ ۋەزىيىتى جىددىيلىشىۋاتقان بىر پەيتتە، ئامېرىكا، جەنۇبىي كورېيە ۋە ياپونىيە شەرقىي دېڭىزدا بىرلەشمە مانېۋىر باشلىدى.

1975958
ئامېرىكا-جەنۇبىي كورېيە-ياپونىيە بىرلەشمە مانېۋىرى باشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي كورېيەنىڭ ئارقا-ئارقىدىن باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلىشى كورېيە يېرىم ئارىلى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى بىخەتەرلىك ئەندىشەلىرىنى كۈچەيتىۋەتكەن بىر پەيتتە، جەنۇبىي كورېيە، ئامېرىكا ۋە ياپونىيە شەرقىي دېڭىزدىكى خەلقئارالىق دېڭىز تەۋەلىكىدە باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئەلىنىش مانېۋىرىنى باشلىدى.

جەنۇبىي كورېيە ئارمىيەسى ئايگىس باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئەلىنىش سىستېمىسىغا ئىگە ھەربىي پاراخوتلار ئورۇن ئالغان مانېۋىرغا، جەنۇبىي كورېيەنىڭ «ROKS Yulgok Yi I»، ئامېرىكانىڭ «USS Benfold» ۋە ياپونىيەنىڭ سۇ ئاستى مۇداپىئە ئارمىيەسىنىڭ «JSAtago» پاراخوتلىرىنىڭ قاتناشقانلىقىنى ئېلان قىلدى.

 باياناتتا، بۇ قېتىمقى مانېۋىرنىڭ شىمالىي كورېيەنىڭ يادرو قورال ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا تەھدىتىگە قارشى ئۈچ تەرەپ بىخەتەرلىك ھەمكارلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن  ئېلىپ بېرىلغانلىقى قەيت قىلىندى.

شىمالىي كورېيە ئۆتكەن ھەپتە قاتتىق ماددا يېقىلغۇ قىلىنغان قىتئەلەر ئارا باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلىنغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

كىم جوڭئۇن «18-خاۋسىڭ» باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنىڭ دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك كۈچىنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى ۋە يادرو قورالىغا قارشى ھۇجۇم ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

شىمالىي كورېيە دۆلەت تاراتقۇلىرى مەزكۇر باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى ھازىرغىچە تەرەققىي قىلدۇرۇلغان ئەڭ كۈچلۈك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئىلكەنلىكىنى خەۋەر قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر