ھىندىستاندا 20 كىشى ساختا ھاراق ئېچىپ زەھەرلىنىش سەۋەبىدىن قازا قىلدى

ھىندىستاننىڭ شەرقىگە جايلاشقان ۋە يەتتە يىلدىن بېرى ھاراق چەكلەنگەن بىھار ئۆلكىسىدە، 20 كىشى ساختا ھاراقتىن زەھەرلىنىپ قازا قىلدى.

1975729
ھىندىستاندا 20 كىشى ساختا ھاراق ئېچىپ زەھەرلىنىش سەۋەبىدىن قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھىندىستاننىڭ بىھار ئۆلكىسىگە قاراشلىق شەرقىي چامپاران ناھىيەسىدە بىر ساقچى ئەمەلدارى ئاخباراتقا 20 كىشىنىڭ ساختا ھاراق ئىچىپ زەھەرلىنىش سەۋەبىدىن قازا قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ساقچىلار ساختا ھاراق ئىچكەنلەردىن ئالتە نەپىرىنىڭ دوختۇرخانىدا بالنېستقا ئېلىنغانلىقىنى ۋە ۋەقەگە قارىتا تەكشۈرۈش باشلانغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

تەكشۈرۈش دائىرىسىدە يەتتە كىشى قولغا ئېلىندى، قازا قىلغانلار سانىنىڭ كۆپىيىشىدىن ئەندىشە قىلىنماقتا.

2022-يىلى 12-ئايدىمۇ بىھار ئۆلكىسىگە قاراشلىق چاپرا ۋە ساران ناھىيەلىرىدە ساختا ھاراق ئېچىپ زەھەرلىنىش سەۋەبىدىن 70 كىشى قازا قىلغان ئىدى.

2016-يىلى بىھار ئۆلكىسىدە ھاراق سېتىش ۋە ئىستېمال قىلىش چەكلەنگەن ئىدى.

ئۆتكەن يىلى بىھار ئۆلكىسىدە 4 مىليون لېتىر ئەتكەس ھاراق قولغا چۈشۈرۈلگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر