باششار ئەسەدنىڭ ئالاھىدە ۋەكىلى ئالجىرىيەدە رەسمىي زىيارەتتە بولدى

سۈرىيە ھاكىمىيىتىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فايسال ئەل مىقداد باششار ئەسەدنىڭ ئالاھىدە ۋەكىلى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئالجىرىيەدە رەسمىي زىيارەتتە بولدى.

1975422
باششار ئەسەدنىڭ ئالاھىدە ۋەكىلى ئالجىرىيەدە رەسمىي زىيارەتتە بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئالجىرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ يازما باياناتىدا، ئالجىرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەھمەد ئاتافنىڭ پايتەختتىكى ھۇۋارى بۇمەديەن ئايرودورومىدا سۈرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مىقدادنى قارشى ئالغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، مىقدادنىڭ ئالاھىدە ۋەكىللىك سۈپىتى بىلەن سۈرىيە ھاكىمىيىتىنىڭ رەھبىرى ئەسەدنىڭ پىرېزىدېنت ئابدۇلمەجىد تېببۇنغا يوللىغان ئۇچۇرىنى يەتكۈزگەنلىكى بىلدۈرۈلدى، ئەمما ئۇچۇرنىڭ مەزمۇنى توغرىسىدا ھېچقانداق مەلۇمات بېرىلمىدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، سۈرىيە رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى «SANA» نىڭ خەۋىرىدە، مىقدادنىڭ ئالجىرىيەنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگانلىرى بىلەن ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى كۈچەيتىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ يوللىرىنى مۇزاكىرە قىلىدىغانلىقى ھەمدە ئەرەب  دۇنياسى ۋە خەلقئارادىكى ئەڭ يېڭى ئۆزگىرىشلەرنىڭمۇ ئىككى دۆلەتنىڭ ماسلىشىشى دائىرىسىدە مۇزاكىرىگە قويۇلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

بۇ زىيارەت، سۈرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مىقدادنىڭ ئۆتكەن يىلى 7-ئايدىكى مۇستەقىللىق كۈنىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىدىن كېيىن، ئارىدىن بىر يىلمۇ ئۆتمىگەن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئالجىرىيەگە قىلغان ئىككىنچى قېتىملىق زىيارىتى ھېسابلىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر